• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى بىردىنبىر پەرىشتە نامى بىلەن ئاتالغان شەھەر

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 15:42 16-12-2016
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بۈگۈنكى باش بەت خەۋەرلىرى تورى: لوس ئانژېلېس ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا، كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ئامېرىكىنىڭ 2 - چوڭ شەھىرى ، نيۇيوركتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دېڭىز پورتى دەپ ئاتالغان .

    لوس ئانژېلېس 1781 يىلى ئىسپانىيە ھۆكۈمرانى Felipe de Neve تەرپىدىن بەرپا قىلىنغان بولۇپ، بۇرۇن ئىسپانىيەنىڭ بىر قىسمى ئىدى ، 1821 - يىلى مېكسىكا ئىسپانىيەدىن مۇستەقىللىق ئايرىغان ،لوس ئانژېلېس مېكسىكا زېمىنىدا بولۇپ 1850-يىلى4-ئاينىڭ 4-كۈنى لوس ئانژېلېس رەسمىي شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان .

    لوس ئانژېلېس، دۇنيا مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، كۆپ ۋاستە، ئىقتىساد، خەلقئارا سودا مەركىزى شەھەرلەرنىڭ بىرى . لوس دۇنيا بويىچە داڭلىق بولغان ھەر خىل كەسپىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ئاپپاراتى ، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى ، لوس ئانژېلېس ۋە قوشنا رايونلارنىڭ GDP ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى دۇنيا بويىچە 20-ئورۇندا تۇرىدۇ،لوس ئانژېلېس شۇنداقلا دۇنيادىكى مودا مەدەنىيەتنىڭ باشلامچىسى بولغان شەھەر ، ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش − مەسىلەن، كىنو- تېلېۋىزىيە، مۇزىكا جەھەتتە لوس ئانژېلېس خەلقئارادا نام قازانغان ۋە دۇنيادا بىر ئورنىنى شەكىللەندۈرگەن .

    لوس ئانژېلېس كېچىلىك مەنزىرسى ئىنتايىن گۈزەل ھەم مول بولۇپ،دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سىز ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئويۇنلارنى كۆرەلەيسىز، بەزى ئەڭ مودا بولغان سورۇنلارغا قەدەم تەشرىپ قىلالايسىز ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شەھەر ئىچىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ھوللىۋودنىڭ چولپانلىرى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىەلەيسىز.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى