• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    جۇڭگودىكى كۆكەرتىش دەرىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان 10 شەھەر

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 17:01 13-12-2016
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بۈگۈنكى باش بەت خەۋەرلىرى تورى: شېنجېن : دۆلەت دەرىجىلىك يىشىللاشقان شەھەرلەرنىڭ بىرى ، مەملىكىتىمىزدىكى شەھەرلەرنىڭ ئىچىدە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كۈچى كۈچلۈك بولغان شەھەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ھالبۇكى، كۆكەرتىش بۇنىڭ ئىچىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھالقا ، شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىشتىكى شەھەر بەلگىسى، بۇنىڭ بىلەن شېنجېن شەھىرىنىڭ كۆكەرتىش دەرىجىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

    گۇيياڭ : يەنە بىر ئىسمى لىنچىڭ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئېكولوگىيە شەھىرى. گۈيياڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدىكى مەركىزىي شەھەر بولۇپ ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت ساياھەت شەھىرى . گۈيياڭ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ئورمانلىق شەھىرى ، تۆۋەن ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىئاتسىيىسى، ئەلا سۈپەتلىك شەھەر مۇھىتى قاتارلىق ئەۋزەللىكىدىن « جۇڭگودىكى 10 چوڭ» ساياھەت شەھىرى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن.

    لېشەن : سىچۈەن ئۆلكىسى قارىمىقىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ، چىڭيىجياڭ دەرياسى جايلاشقان، مىنجياڭ دەرياسى، دادۇخې دەريالىرىنىڭ تۇتاشقان جايى، ئېلىمىزدىكى كۆكەرتىش بەلبىغى شەھەرلىرى ئىچىدىكى نەمۇنىلىك شەھەر . لېشەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەھەر باشقۇرۇش مەركىزى جۇڭگونىڭ بىردىنبىر ھەمكارلىق شەھىرى ، شەھەرنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى ئېلىمىز شەھەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى، لېشەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت ساياھەت رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياغا داڭلىق، شەھەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىدىن باشقا ئامىللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا يەنىلا ئېلىمىزنىڭ بىردىنبىر دۇنيا مىراسى بولغان جاي .

    نەننىڭ : لۈچېڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ ، گۇاڭشىنىڭ مەركىزى. نەننىڭ شەھىرىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ياخشى ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرىدۇ، بۇ شەھەرنىڭ كۆكەرتىش دەرىجىسى جەھەتتە ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن شەھەر ئىچىدىكى ياخشى ،نەننىڭ يەنىلا دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېكولوگىيەلىك باغۋارانلاشقان شەھەر ئىچىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئۆلكە مەركىزى بولغان شەھەر.

    خاڭجۇ : جېجياڭ ئۆلكىسى، چاڭجياڭ دېلتىسى مەركىزىي شەھەرنىڭ بىرى، تەرەققىي قىلغان سۇ سىستېمىسى بىلەن مۇۋاپىق كىلىمات شارائىتى خاڭجۇ شەھەر كۆكەرتىش دەرىجىسىنى تەبىئىي كاپالەتلىك ئىگە قىلغان. خاڭجۇ − ئېلىمىزنىڭ ئېسىل ساياھەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى،شۇنداقلا ئاساسلىق شەھەر قىياپىتىدە كۆكەرتىش ئەلۋەتتە كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھالقىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى تەبىئىي ياخشى.

    شېنياڭ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە، دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر . شېنياڭ كونا سانائەت شەھىرى بولۇپ، ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى سانائەتتىن بۇلغىنىشقا ئۇچرىمىغان، شەھەرنىڭ كۆكەرتىش دەرىجىسى مەملىكەت بويىچە شەھەرلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر رايونى ئۈلگە كۆرسىتىش شەرىپىگە ئېرىشكەن، مۇشۇ نوقتىلاردىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، شېنياڭ شەھىرىنىڭ كۆكەرتىش دەرىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ .

    داليەن : دېڭىز شەھىرى دەپ ئاتالغان ، خۇاڭخەي دېڭىزى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنۋېرسال ساپاسى ياخشى بولغان شەھەرلەرنىڭ بىرى ، مۇھىت ئاسراشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر ، جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت شەھىرى . داليەن ئېلىمىزدىكى شەھەرلەر ئىچىدىكى ، « رومانتىك مەركىزىي شەھەر»

    « شىمالدىكى مەرۋايىت » شەرىپىگە ئېرىشكەن .

    كورلا : يەنە بىر ئاتىلىشى نەشپۈت شەھىرى، شىنجاڭنىڭ 2 - چوڭ شەھىرى ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە ئىچىدە تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بولغان. كورلىنىڭ دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ قۇملۇق بولغان تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىغان، بىراق كۈچلۈك تىرىشش ئارقىسىدا كورلا ئۆزگىچە بولغان شەھەر قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن باشقا كورلا 20 نەچچە تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك شەرەپلىك نام ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولدى .

    شيامېن : فۇجيەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق شەھەر ، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويى شەھەر توپى ئىچىدىكى بىر يېڭى يۇلتۇز . شىيامېن بولسا مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى ، مەنزىرسى گۈزەل، شەھەرنى كۆكەرتىشى ياخشى ئېلىمىزنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك شەھەر دېگەن شەرىپىگە ئېرىشتى .

    جۇخەي : دۆلەت دەرىجىلىك ئورمانلىق شەھىرى ، جۇخەينىڭ مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر پۈتۈن شەھەرنىڭ مەنزىرىسى ياخشى بولغان مەملىكەت بويىچە مەشھۇر ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ تىرىشىپ ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى جەھەتتە بىرىنچى بولۇپ، « بەخت ماكانى » دېگەن گۈزەل نام بىلەن ئاتالغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى