• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    گېرمانىيەدە باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ چوڭىيىشىغا ئىقتىسادنى بەدەل قىلىش ئېغىرلاشتى

    مەنبە : news.163.com
    يوللانغان ۋاقىت : 18:58 08-12-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    گېرمانىيەدىكى بىر دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، 1990-يىلى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ چوڭىيىشى سەۋەبىدىن 40 مىليارد ياۋرو ئىقتىسادىي زىيان بولغان. ئۇنداقتا گېرمانىيەدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقىنى زورىيىشى يۈزلىنىشى داۋاملىشامدۇ ياكى ئاخىرلىشامدۇ؟

    گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى بولغان گېرمانىيە ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، 1990-يىلى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ چوڭىيىشى سەۋەبىدىن 40 مىليارد ياۋرو ئىقتىسادىي زىيان بولغان. بۇ تەتقىقاتتا ئىقتىسادشۇناسلىق نۇقتىسىدىن باي-كەمبەغەللىك پەرقىنى تەھلىل قىلىش-بۇ دۇنياۋى تېمىغا بولغان ئەھمىيىتىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ دېيىلدى.

    تەتقىقاتچىلار قوللىنىشچان ماتېماتىكا مودېلىدىن پايدىلىنىپ، گېرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە جىنى كوئېففىتسېنتىنىڭ ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا 0.25 تىن 0.29 غا ئۆرلىگەنلىكىنى بايقىدى.

    جىنى كوئېففىتسېنتى-خەلقئارادىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىچكى كىرىم تەقسىمات پەرقىنىڭ ئەھۋالىنى ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرىدىغان بىر مۇھىم تەھلىل كۆرسەتكۈچى بولۇپ، سانلىق قىممەت نۆلدىن بىرگىچە بولغان ئارىلىقتا قانچە زورايسا، كىرىم تەقسىماتىنىڭ شۇنچە تەكشىسىزلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. خەلقئارادا ئادەتتە 0.4 قىممەت-باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش چېكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    بېرلىن دۇنيا ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى مارسېل فىرازېر بۇ يىلنىڭ بېشىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، گېرمانىيەدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقى زورايدى، بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق-گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاجىزلىتىۋەتتى.

    دوكلاتتا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: گېرمانىيەدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىشى پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي زىياننىڭ كۆلىمى ئومۇمىي جەھەتتىن 40 مىليارد ياۋرو ئەتراپىدا بولدى. ھېسابقا قارىغاندا، ئۆتكەن 26 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىشى-گېرمانىيە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى يىلىغا ئوتتۇرىچە %0.05 ئازايتىۋەتكەن.

    دوكلاتنىڭ تەھلىلىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىقتىسادشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىشىدا پايدا بىلەن زىيان تەڭ مەۋجۇت. يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ بايلىقى ئېشىپ، ئامانەت پۇلى كۆپەيگەنلىكتىن، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئامانەت پۇل نىسبىتى ئۆسۈپ، مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورتقا تۈرتكە بولدى؛ تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ تەقسىم قىلغىلى بولىدىغان كىرىمى ئازايغانلىقتىن، ئېھتىياجنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئىستېمالنىڭ ھالسىزلىقىنى پەيدا قىلىپ، ئىقتىسادنى تارايتىۋەتتى.

    دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئادەم كۈچى دەسمايە ئامىلى ئارقىدا قالغانلىقتىن، باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىشىدا ئۇزۇندىن قارىغاندا زىيان پايدىدىن چوڭ بولىدۇ. تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ مائارىپ چىقىمى سەۋەبىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى چەكلىك تەسىرگە ئۇچراپ، يۇقىرى كىرىملىكلەر قاتارىغا قاراپ يۆتكىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىپ، باي-كەمبەغەللىك پەرقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىۋېتىدۇ، ھەتتا يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.

    دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ %60 تىن ئارتۇق ئىجتىمائىي بايلىقىنى ئادەم كۈچى دەسمايىسى تەشكىل قىلىدۇ، ئادەم كۈچى دەسمايىسىنىڭ تېزدىن جۇغلىنىشى ۋە ماھارەت شەكىللەندۈرۈشى-دۆلەتنىڭ تېز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئامىلى. شۇڭا، بۇ تەتقىقاتتا، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تېزدىن چىقىرىپ، باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىشىغا تاقابىل تۇرۇش، جۈملىدىن مائارىپ سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، ئاممىغا ئىمكانقەدەر باراۋەر بولغان مائارىپ پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرىش كېرەك دەپ ھېسابلاندى.

    دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا يىغىلىپ قالغان سەلبىي ئۈنۈمنى تۈگىتىش-بىردەمدىلا ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس، گېرمانىيەدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىش يۈزلىنىشى يەنە بىر قانچە يىل داۋاملىشىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى