• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 5-يانۋاردىن باشلاپ يېڭىدىن تەڭشەلگەن يول يۈرۈش خەرىتىسى ئەمەلىيلىشىدۇ

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 18:15 08-12-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2017-يىل 5-يانۋار سائەت 0:00 دىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يېڭىدىن تەڭشەلگەن يول يۈرۈش خەرىتىسى ئەمەلىيلىشىدىكەن. بۇ 2017-يىللىق تۇنجى قېتىملىق يول يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەش بولۇپ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ تۇنجى كۈنلۈك پويىز بېلىتى 2016-يىل 7-دېكابىرىدىن باشلاپ سېتىلىدىكەن.
    مۇخبىرنىڭ 6-دېكابىر ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئالاقە تورى، يانفون، تېلېفون ئارقىلىق پويىز بېلىتىنى 30 كۈن ئاۋۋال ئالدىن سېتىۋېلىشقا بولىدىكەن، پويىز ئىستانسىسى، ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش نۇقتىلىرى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ئاپپاراتلىرىدا پويىز بېلىتىنى 28 كۈن ئاۋۋال ئالدىن سېتىۋېلىشقا بولىدىكەن، شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، 2016-يىل 7-دېكابىردىن باشلاپ 2017-يىل 5-يانۋار (يول يۈرۈش خەرىتىسى يېڭىدىن تەڭشەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى كۈن) نىڭ پويىز بېلىتىنى ئالاقە تورى، يانفون، تېلېفون ئارقىلىق ئالدىن سېتىۋېلىشقا بولىدىكەن. پويىز ئىستانسىسى، ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش نۇقتىلىرى ۋە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ئاپپاراتلىرىدا 2016-يىل 9-دېكابىرىدىن باشلاپ ئالدىن سېتىۋېلىشقا بولىدىكەن.
    بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە ئۈرۈمچىدىن جىنەنگە قاتنايدىغان K1338/5 ،K1336/7 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز غۇلجا-جىنەن ئارىسىدا قاتناشقا ئۇزارتىلىدىكەن، ئۈرۈمچىدىن قاتنايدىغان يولۇچىلار يەنىلا بۇ نۆۋەتچى پويىزنى تاللىسا بولىدىكەن؛ ئۈرۈمچىدىن چۇڭچىڭ شىمالىي ۋوگزالىغا قاتنايدىغان K544/1 ،K542/3 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ئاقسۇ-چۇڭچىڭ شىمالىي ۋوگزالى ئارىسىدا قاتناشقا ئۆزگەرتىلىدىكەن، بۇ نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچىدە توختىمايدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى