• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىك ساتىدىغان تاللا بازىرى تۇنجى بولۇپ دانىيەدە تىجارەت باشلىدى

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 18:46 08-12-2016
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بۈگۈنكى باش بەت خەۋەرلىرى تورى: دانىيەنىڭ پايتەختى كوپىنھاگىندا يېقىندا بىر تەڭداشىسز تاللا بازىرى ئېچىلدى، ئىچىگە كىرسىڭىز ھەقىقەتەن ھەيران قالىسىز، چۈنكى بۇ يەردە سېتىلىۋاتقىنى پۈتۈنلەي ساقلاش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەر بولۇپ، يەر شارىدىكى بىرىنچى «ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەر تاللا بازىرى» ئىكەن، سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دانىيەدە يىلىغا 60 توننىدىن ئارتۇق يېمەكلىك تاشلىۋېتىلىدىغان بولسىمۇ، يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلېۋىتىلگەن يېمەكلىلەرنى سېتىۋېلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيدىغان نۇرغۇنلىغان نامرات كىشلەرمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇنداق تاللا بازىرى ئېچىلغان.

    مۇنداقچە ئېيتقاندا تاشلىۋېتىلىدىغان بۇ يېمەكلىكلەر بولسا ئىسراپ قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس، نۇرغۇنلىغان ۋاقتى ئۆتتى دەپ تاشلىۋېتىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئارىسىدا يەنە كۆپىنچىسنىڭ يېگىلى بولدىغان يېمەكلىكلەر ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەم بۇنداق ئىسراپچىلىقلارنى ئازايتىش ئۈچۈن DanChurchAid ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە ئىزچىل «ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەر تاللا بازىرى» ئېچىشنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ تۈردە تىجارەت باشلانغان.

    نۇرغۇن تاللا بازارلىرى ۋە دۇكاندارلار تازىلىق ۋە سۈپەت ئۆلچىمىنى دەپ ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىكلەرنى تاشلىۋېتىدۇ، بىراق WeFood تاللا بازىرى مەخسۇس مۇشۇنداق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ يېگىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يىغىپ %3-%5 كىچە باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ سېتىپ چىقىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىرىنچىدىن ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولسا، ئىككىنچىدىن تۆۋەن كىرىملىك كىشلەرگە پۇرسەت يارتىلىدۇ، ئۇلار تۆۋەن باھادا ئۆزىگە لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالالايدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققاندەك ئىش بولدى.

    WeFood ھەرگىزمۇ تاۋارلاشقان سودا تاللا بازىرى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ جەمئىيەتتىكى بۇ تاللا بازىرى جەمىيەتتىكى تۆۋەن كىرىملىك كىشلەرگە ياردەم بىردىغان تاللا بازىرى ئىكەن ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل تۈرنىڭ يولغا قويۇلىشى يەنە ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايتى چوڭ ياردىمى بولۇپلا قالماستىن، ھەم بۇ تاللا بازىرىنىڭ بارلىق كىرىمى ئىئانە قىلىنىدىكەن.

    ئىش باشلىغان تۇنجى كۈنى دانىيە خانىشى ۋە ئاشلىق مۇھىت باشقارمىسىنىڭ باشلىقىمۇ نەق مەيدانغا كېلىپ بۇنداق قالتىس تاللا بازىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى قوللىدى ۋە ئىلھاملاندۇردى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ساقلاش قەرەلىدىن ئېشىپ كەتكەن، يېمەكلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ ناچار بولۇشى ناتايىن ، لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئۈچۈن بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەرنى تاشلىۋېتىشنى تاللايدۇ، ساقلاش مۇددىتى ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ۋاقتى ئۆتكەن لېكىن بۇزۇلمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ئېھتىياجلىق كىشلەر تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشسسە بۇ ئەلۋەتتە تېخىمۇ ياخشى ئىش ئەمەسمۇ؟

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى