• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاياللار بىر قېتىم تۇغسا...

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 18:04 08-12-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر ئاياللار ھاياتىدا بىر قېتىم مۇكەممەل ھامىلىدار بولۇش ۋە تۇغۇش مۇساپىسىنى تاماملىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى 10 يىل ئۇزىرايدۇ. بۇ خىل ئىممۇنىتېت كۈچى ئاساسەن سۈت بېزى راكى، تۇخۇمدان راكى قاتارلىق ئاياللار كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغۇپ باقمىغان ئاياللار ھامىلە ھورمۇنىنىڭ دەل ۋاقتىدا بولىدىغان ئۈنۈملۈك قوغدىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، يەنە ھورمۇنغا تايىنىپ قېلىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. مەسىلەن: بالىياتقۇ مۇسكۇلى راكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنىدا غەلىتىلىك كۆرۈلۈش دېگەندەك.
    تەتقىقات نەتىجىسىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: تۇغۇپ باقمىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، تۇغۇپ باققان ئاياللاردا تۈرلۈك راك ۋە ھەر خىل ئاياللار كېسىلىگە قارشى كۈچلۈك ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل بولۇپلا قالماستىن، يەنە كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدىكەن. ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق چېكىنىدىغان بولغاچقا، بالىلىق بولۇپ باققان ئاياللارنىڭ كېلىماكتېرىيە دەۋرى بالىلىق بولۇپ باقمىغان ئاياللارغا قارىغاندا خېلىلا كېچىكىپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش داۋامىدا، ئاياللارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى پىشىپ يېتىلىپلا قالماستىن، پىسخىكىلىق ساغلاملىقمۇ ھەسسىلەپ كۈچىيىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى