• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سىچۈەنلىك دېھقان ئۆيلۈك يېرىنى كولاۋاتقاندا جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقنى بايقىدى

    مەنبە : district.ce.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 17:13 08-12-2016
    تەھرىر : سەلىمە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



    جۇڭگو ئۇچۇر تورى خەۋىرى. 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، يېقىندا، سچۇەن ئۆلكىسى لۇشيەن ناھىيىسى جاۋياجېن كەنتىدىكى دېھقانلار ئۆزىنىڭ ئۆيلۈك يېرىنى كولاۋاتقاندا، قەدىمىي تاش دۈۋىلەنگەن قەبرىنى بايقىغان. ئۇنىڭ ئىچىدە 200 نەچچە پارچە تاش ئويما بار بولۇپ، ئۇلار نەپىس ئەجدىھا، دېدەك ۋە ياساۋۇللار، گۈزەل ئاياللار، ھاراق قۇيۇۋاتقان ئەر قاتارلىقلار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى 400 جىڭ كېلىدۇ. گەرچە بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىق ئوغرىلانغان دەپ گۇمان قىلىنغان بولسىمۇ ، بىراق مۇتەخەسسىسلەر قەبرىنى باھالاش ئارقىلىق بۇنىڭ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمىي قەبرە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. نۆۋەتتە بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى لۇشيەن مۇزېيىغا يۆتكەپ كېلىندى.

    ئۆي بىر قەدەر كونىراپ كەتكەن بولغاچقا، يېڭىدىن تۇرالغۇ ئۆي سېلىش ئۈچۈن 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، لۇشيەن ناھىيىسى جاۋياجېن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى جاڭ ۋېنسەي، تاڭ گۇ قاتارلىقلار بەلگىلىمە بويىچە، كىچىك بامبۇكزارلىقتىكى ئۆيلۈك يەرنى ئاغدۇرغان. ئىككەيلەن يەر ئاغدۇرىۋاتقاندا، بامبۇك يوپۇرمىقى ۋە توپا بىلەن قاپلانغان يەردە، بىر قەدىمىي تاش دۈۋىلەنگەن قەبرىنى بايقىغان. بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل نەقىشلەر ئويۇلغان بولۇپ، داۋاملىق كولىغاندىن كىيىن، يەنە نۇرغۇن تاش ئويمىلارنى بايقاپ، بۇ ئىككەيلەن ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلىگەن ئىشچىلار بۇ بايقاشتىن قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى