• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مېركىل ئاممىدىن غەزىپىنى بېسىۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:02 08-12-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى، بېرلىن، 5-دېكابىر تېلېگراممىسى: گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل 5-دېكابىر بىر ئىستۇدېنتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلىدى، بۇ ئۇنىڭ بۇ دېلوغا تۇنجى قېتىم ئىنكاس قايتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. ساقچى دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە 17 ياشلىق ئافغانىستانلىق بىر مۇساپىرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بۇ دېلو ئاممىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. بىر مىللەتچى پارتىيە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ:«مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دېلونى بەلگىلىك مەسئۇليىتى بار »دېدى.
    مېركىل گېرمانىيە ئاممىۋى رادىئو بىرلەشمىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:«ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قاتىلنىڭ ھەقىقەتەن ئافغانىستانلىق مۇساپىر ئىكەنلىكى بېكىتىلسە، ئۇنداقتا ئۇ قاتىللىق جىنايىتى بىلەن جازالىنىدۇ. بىراق كىشىلەر بۇ سەۋەبلىك بىر پۈتكۈل توپتىكىلەرگە ئىشەنمەس بولۇپ قالسا بولمايدۇ. خۇددى باشقا ئەھۋاللارغا ئوخشاش بىز بىر ئادەمنىڭ قىلمىشى سەۋەبلىك پۈتكۈل توپنى شۇنداق، دەپ قارىساق بولمايدۇ».
    زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تىببىي ئونىۋېسىتېتنىڭ 19 ياشلىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غەربىي جەنۇبىي شەھەر فرايبۇرگتىن ئۆيىگە قايتىۋاتقان يولدا ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، ئۇنىڭ جەسىتى كېيىن بىر كۆلدە بايقالغان.
    ساقچى دائىرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، گۇماندارنىڭ DNA دەلىل - ئىسپاتى ۋە دېلو يۈز بەرگەن ئەتراپتىكى كۆرگۈ ئارقىلىق بۇ دېلوغا چېتىشلىقى ئېنىقلانغان. بۇ ياش بۇلتۇر ھامىيسى يوق ئەھۋالدا گېرمانىيەگە كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە بىرەر سۆز قىلمىغان. بىراق بۇ گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئاممىنىڭ بۇلتۇر گېرمانىيەگە كەلگە نەچچە 100 مىڭ مۇساپىرغا باشقىچە قاراشتا بولۇشىغا سەۋەب بولغان.
    گېرمانىيە تاللاش پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى يورگ 4-دېكابىر مۇنداق دېدى:«مېركىل بىلەن مۇئاۋىن زۇڭلى سىگما گابرىئېلنىڭ بۇ قەبىھ ھەرىكەت ۋە باشقا مۇستەقىل دىلولاردا بەلگىلىك مەسئۇلىيىتى بار، قانۇنسىز مۇساپىرلار گېرمانىيەگە توسالغۇسىز كىرگەندىن بۇيان، بۇنداق دېلولار كۈندە دېگۈدەك يۈز بېرىۋاتىدۇ».
    مۇساپىرلار بۇلتۇر گىرمانىيەگە تۈركۈملەپ كىرگەندىن بۇيان، بۇ مىللەتچى سىياسىي پارتىيەنىڭ ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدىكى قوللاش نىسبىتى ئۆرلىگەن ھەمدە كېلەر يىللىق سايلامدا دۆلەت پارلامېنتىغا كىرىشىدىن ئۈمۈد تۇغۇلغان، مېركىل بولسا كېلەر يىللىق سايلامدا 4- قېتىم زۇڭلى بولۇش ئىستىكىدە بولۇۋاتىدۇ.
    «گېرمانىيە ساداسى»رادىئو ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ 5-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچىلار يەتتە ھەپتە رازۋېدكا قىلىش نەتىجىسىدە 17 ياشلىق گۇماندارنى قولغا ئالغان، ئۇ باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، بۇ ياش 2015-يىلى ئۆزى يالغۇز گېرمانىيەگە كەلگەن بولۇپ، دېلو يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى بىر گېرمانىيەلىك بىرەيلەننىڭ ئائىلىسىدە تۇرۇۋاتقانىكەن.
    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى