• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچىدە شوپۇرلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشىنى كۆرسىڭىز پاش قىلسىڭىز بولىدۇ

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 14:29 08-12-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بۇنىڭدىن كېيىن، يولدا شوپۇرلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئۇچراتسىڭىز، يانفونىڭىزدا ياكى ئاپتوموبىلىڭىزغا ئورنىتىلغان يول مېڭىشنى خاتىرىلەش ئەسۋابىدا سۈرەتكە تارتىۋېلىپ، «ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى» ( 乌鲁木齐交警) ئۈندىدار سۇپىسىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ، قاتناش ساقچىلىرى ئەھۋالنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ھەقىقىيلىقىنى دەلىللەپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان شوپۇرلارغا جەرىمانە قويۇپ، ئۇلارنى جازالايدۇ.
    ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارمىقى يېقىندا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشتىكى ھەر خىل سۇپىلارنى ئاچتى ھەمدە بارلىق قاتناش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئاكتىپ سۈرەتكە تارتىپ پاش قىلىشىنى قارشى ئالدى. بۇ ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارمىقىنىڭ بۇ يىللىق «2-دېكابىر قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات كۈنى» گە ئاساسەن چىقارغان، «جەمئىيەتنى ماس قەدەمدە ئىدارە قىلىپ، بىخەتەر يول يۈرەيلى» تېمىسىدىكى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارغا ئېرىشىشتىكى بىر خىل يېڭى تەدبىرى ئىكەن.
    2- دېكابىر سائەت 0:00 دىن باشلاپ بۇ پاش قىلىش ئۈندىدار سالونى ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، «ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى» (乌鲁木齐交警) دېگەن ئۈندىدار سۇپىسىنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ، بۇ ئۈندىدار سۇپىسىغا يوللاپ، ئەھۋال پاش قىلىشقا بولىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى