• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئامىرخاننىڭ بىر فىلىمدىكى ئۈچ خىل فىگۇرىسى تورنى زىل-زىلىگە كەلتۈردى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:10 08-12-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ھىندىستان «بوللىۋود»نىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك ئەر چولپىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامىرخان دۆلەت ئىچىدە ناھايىتى زور ئابرۇيغا ئىگە. يېقىندا ئۇنىڭ بىر خەۋىرى مىكرو بىلوگلاردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامىرخان «Danga» ناملىق يېڭى فىلىمىدە فىلىم ۋەقەلىكىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن 28 كىلوگرام سەمىرىگەن، ئارقىدىن يەنە بەش ئاي ئىچىدە شىددەت بىلەن 25 كىلوگىرام ئورۇقلىغان ھەمدە مەشق قىلىپ، سەككىز پارچە مۇسكۇللۇق گۈزەل بەدەنگە ئىگە بولغان. ئامىرخاننىڭ يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى ئىككى خىل بەدەن قىياپىتى روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، تورداشلارنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان.

    ئامىرخاننىڭ كەسپىنى بۇ قەدەر سۆيۈشى تورداشلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان، شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ يېڭى فىلىمى «Danga»غا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان. يېقىندا بۇ فىلىمنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى مۇقەددىمىسى ئېلان قىلىنىپ، فىلىمنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسى ئېچىلغان.

    ئامىرخان رول ئالغان «ئۈچ دوست»، «ئۇچقۇر ئوغرى»، «pk» قاتارلىق فىلىملەر مەملىكەت ئىچىدە كەڭ دائىرىدە تارقالغان، ھەمدە دۆلىتىمىز تاماشىبىنلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ««pk» فىلىمى 118 مىليون يۈەنلىك بېلەت كىرىمى بىلەن بوللىۋود فىلىملىرىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزغان. «ئۈچ دوست» فىلىمىدە 44 ياشلىق ئامىرخان 18 ياشلىق ئوقۇغۇچىنىڭ رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىغان.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم يېڭى ئىشلەنگەن فىلىم «Danga»دا ئۇ باش پېرسوناژنىڭ 19، 29 ۋە 55 ياشلىق ۋاقىتلىرىدىكى رولىنى ئالىدىكەن. فىلىم 2016-يىل 23-دېكابىر ھىندىستان ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلىدىكەن، دۆلىتىمىزگە كىرگۈزۈلۈشىدىنمۇ ئۈمىد بار ئىكەن.





    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى