• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچىدە سامساق باھاسى ئۆرە بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:09 08-12-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    5-دېكابىر، ئۈرۈمچى شەھىرى ئالغا كوچىسىدىكى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىدا سامساقنىڭ باھاسى دېھقانچىلىق بازىرىغا قارىغاندا سەل تۆۋەن بولدى.

    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ھازىر بىر باش سامساق سېتىۋالىدىغان پۇلغا ئىككى دانە تۇخۇم سېتىۋالغىلى بولىدۇ. 5-دېكابىر مۇخبىرنىڭ قىزىلتاغ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە سېغىزدۆڭ (دۇڭ باجياخۇ) دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن بايقىشىچە، سامساقنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 20 يۈەندىن 22 يۈەنگىچە بولۇپ، تۇخۇمنىڭ بىر كىلوگىرامى 9 يۈەن ئىكەن.

    مۇخبىر قىزىلتاغ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى خالىغان بىر يايمىدىن بىر باش سامساقنى كىلوگىرامى 20 يۈەن بويىچە ئۆلچەتكەندە، بىر باش سامساق 1.2 يۈەنگە توغرا كەلگەن. يەنە بىر يايمىدىن ئىككى دانە تۇخۇمنى كىلوگىرامى 9 يۈەن بويىچە ئۆلچەتكەندە، ئىككى دانە تۇخۇم 1.2 يۈەنگە توغرا كەلگەن. ئۈرۈمچى بېييۈەنچۇن گۇرۇھىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 5-دېكابىر سامساقنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 18 يۈەنگە ئۆسۈپ ئۆسكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2010-يىلى سېنتەبىردە سامساق باھاسى ئەڭ قىممەت بولغان بولۇپ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 14.5 يۈەن بولغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى