• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ياۋرۇپا ئۇزغۇنلىقىدىكى 16 كۈچلۈك كوماندا بارلىققا كەلدى

    مەنبە : dongqiudi.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:00 08-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دوڭچۇدى تورى خەۋىرى. بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە 2016/2017-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ E گۇرۇپپىدىن H گۇرۇپپىغىچە بولغان كوماندىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانما مۇسابىقىسى تولۇق ئاخىرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى 16 كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ ھەممىسى بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن تۆت كوماندىنىڭ ھەممىسى 16 كۈچلۈككە كىردى. ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن توتتېنھامدىن باشقا ئۈچ كوماندىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا 16 كۈچلۈككە بۆسۈپ كىردى. بۇنىڭدىن باشقا بايرېن مىيۇنخېن، يۇۋېنتۇس، دورتموند قاتارلىق زەردار كۇلۇبلارمۇ تاللاندى.

    16 كۈچلۈككە كىرگەن كوماندىلار:

    A گۇرۇپپا: ئارسېنال كوماندىسى ، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى

    B گۇرۇپپا: ناپولى كوماندىسى ، بېنفىكا كوماندىسى

    C گۇرۇپپا: بارسېلونا كوماندىسى ، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى

    D گۇرۇپپا: مادىرىد ئاتلېتىكا كوماندىسى ، بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى

    E گۇرۇپپا: موناكو كوماندىسى ، لېۋېركۇسېن كوماندىسى

    F گۇرۇپپا: دورتموند كوماندىسى ، خانلىق مادىرىد كوماندىسى

    G گۇرۇپپا: لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسى ، پورتو كوماندىسى

    H گۇرۇپپا: يۇۋېنتۇس كوماندىسى ، سېۋىللا كوماندىسى

    ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 16 كۈچلۈكنىڭ تۇنجى ئايلانما 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 15-، 16-كۈنى ۋە 2-ئاينىڭ 22-،23-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ. گۇرۇپپنىڭ بىرىنچىلىكىگە ئېرىشكەن كوماندا ئاۋۋال مېھمان مەيدان، كېيىن ساھىبخان مەيداندا ئوينايدۇ. 16 كۈچلۈكنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى (كېلەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى) بېيجىڭ ۋاقتى 19:00دە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

    ئىزاھات: ئىلگىرىكى چەك تارتىش قائىدىسىگە ئوخشاش، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا چەك تارتىلىپ ئۆزئارا ئۇچرىشىدۇ، لېكىن بىر گۇرۇپپىدىن چىققان ئىككى كوماندا قايتا ئۇچراشمايدۇ، بىر بىرلەشمىدىكى ئىككى كوماندىمۇ ئۆزئارا ئۇچراشمايدۇ. مەسىلەن، مادىرىد ئاتلېتكا گۇرۇپپىدا بىرىنچى ئورۇندا چىققان بولغاچقا ئۇلار ئىككىنچى ئورۇندا چىققان 8 كوماندا بىلەنلا ئۇچرىشىدۇ، لېكىن ئىككىنچى ئورۇندا چىققان خانلىق مادىرىد بىلەن سېۋىللا ئۇلار بىلەن بىر بىرلەشمىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ساقىت قىلىنىدۇ. دېمەك، مادىرىد ئاتلېتكا پەقەت مۇشۇ ئىككى كوماندىدىن باشقا خالىغان 6 كوماندا بىلەن ئۇچرىشىدۇ دېگەن گەپ. باشقىلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى