• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    پاكىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، تاغقا سوقۇلۇپ كېتىپ ئوت كەتتى

    مەنبە : news.cri.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:17 08-12-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى پاكىستان خەلقئارا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى PK-661 نىڭ ATR-42 ناملىق يولۇچىلار ئايرۇپىلانى بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىدا چۈشۈپ كەتكەن. بۇ ئايروپىلاندا 40 نەچچە ئادەم بار بولۇپ، چىترال(Chitral)دىن پايتەخت ئىسلامئابادقا ئۇچۇش سەپىرىدە چۈشۈپ كەتكەن.

    فرانسىيە ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانى بۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ PK-661 قېتىم دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلانى بولۇپ، تىپ نومۇرى ATR-42 تىپلىق ئىكەن .

    يولۇچىلار ئايرۇپىلانى شۇ جاي ۋاقتى 7 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 15:38 ئۆتكەندە غەربىي شىمالىدىكى چىترال(Chitral)دىن پايتەخت ئىسلامئابادقا قاراپ ئۇچقان بولۇپ، ئەسلى پىلاندا سائەت 16:40 ئۆتكەندە ئىسلامئاباد ئايرودرومىغا يېتىپ بېرىپ بولىدىكەن، بىراق ئايرۇپىلان ئۇچۇپ تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن سىگنالچى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

    ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ دەلىللىشىچە، ئايروپىلاندا جەمئىي 42 نەپەر يولۇچى ۋە بەش ئايروپىلان خادىمى بار بولۇپ، يولۇچىلار ئىچىدە 31ئەر، توققۇز ئايال، يەنە ئىككى نەپەر بوۋاق بار ئىكەن.

    شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ ساقچى تەرەپتىن ئىگەللىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى چەت تاغلىق رايونغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئاھالىلەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى نەچچە كىلومېتىر كېلىدىكەن، تاغلىق رايۇنلارنىڭ يەر شارائىتى مۇرەككەپ بولغاچقا، قۇتقۇزۇش ئاپتۇموبىللىرىنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدانغا بېرىشى ئىنتايىن تەس ئىكەن.

    پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ دەرھال ئوت كەتكەن بولۇپ، ئايرۇپىلاندىكى ئادەملەرنىڭ ھايات قېلىش مۇمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك ئىكەن.

    تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئايروپىلان پارچىلىرى ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن پارچىلىرى يەرلەرگە چېچىلىپ كەتكەن ئىكەن.

    پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە 21 يولۇچىنىڭ جەسىتىنى تاپقان بولۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى