• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    خانلىق مادرد دورتىمۇند بىلەن 2–2 لىك نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى

    مەنبە : sports.sina.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:53 08-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى. بېيجىڭ ۋاقتى 12–ئاينىڭ 8–كۈنى سائەت 03:45 (ئىسپانىيە ۋاقتى 7–چىسلا 20:45)، 2016/17 يىللىق ياۋرۇپا ئۇزغۇنلىقىنى تالىشىش ئالتىنچى مۇسابىقە كۈنىدىكى F گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى بىر مەيدان ھالقىلىق مۇسابىقە بوناۋۇ پۇتبۇل مەيدانىدا ئىلىپ بىرىلدى، خانلىق مادرد كوماندىسى ساھىبخان مەيدان 2–2 لىك نەتىجە بىلەن دورتىمۇند كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، بېنزېما ئىككى توپ كىرگۈزدى، دورتىمۇند كوماندىسىدىن ئوۋبامىياڭ بىلەن رويىس بىردىن توپ كىرگۈزدى، رونالدونىڭ تەپكەن توپى ۋاراتار لىمىغا تەگدى. دورتىمۇند كوماندىسى خانلىق مادرد كوماندسىىنىڭ ئۈستىدىن گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچىلىكىنى ئالدى. خانلىق مادرد كوماندىسى ھەرقايسى مۇسابىقە تۈرلىرىدە ئۇدا 34 مەيدان مەغلۇب بولماي يىڭى رىكورت ياراتتى.

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان باشلىنىپ خانلىق مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدىكى ھەيۋىسنى كۆرسىتىپ كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلىشقا باشلىدى.

    مۇسابىقە داۋاملىشىپ 12- مىنۇتتا رونالدو چەكلەنگەن رايون ئىچىگە خامىس رودرىگۇسقا پاس چىقاردى، خامس كىچىك بۇلۇڭدا ۋاراتارغا تەپكەن بولسىسمۇ دورتموند ۋاراتارسى ۋېيدېنفېللېر توسۇۋالدى. مۇسابىقنىڭ 28- مىنۇتىدا كارۋاخال ئوڭ تەرەپتىن يەر بويلىتىپ پاس چىقاردى، چەكلەنگەن رايون ئىچىگە كىرىپ بولغان بېنزىما توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ خانلىق مادرىد كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.

    مۇسابىقە داۋامىلىشپ 49- مىنۇتقا قەدەم قويغاندا خامىس رودرىگۇس سول تەرەپتىن پاس كۆتۈردى چەكلەنگەن رايون ئىچىدىكى بېنزىما كاللا توپ كىرگۈزۈپ خانلىق مادرىد كوماندىسى 2-0 نەتىجە بىلەن نومۇر ئاشۇردى. مۇسابىقنىڭ 61- مىنۇتىدا ئوبامىياڭ توپ كىرگۈزۈپ، بىر توپ قايتۇرۇۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 78- مىنۇتىدا ۋاسكېز پاس چىقاردى رونالدو ئەركىن ھالەتتە ۋاراتارنىڭ ئوڭ ئۆلۈك بۇلۇڭىغا ئۇرغان بولسىمۇ توپ ۋاراتار تۈۋرۈكىگە تېگىپ چىقىپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 88- مىنۇتىدا دورتموند كوماندىسىدىن ئوبامىياڭ تىز سۈرئەتتە بۆسۈپ كىرىپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە پاس تاشلىدى، رېئوس بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر تەڭلەشتۈردى.

    كېيىن ھەر ئىككىلا تەرەپ توپ كىرگۈزەلمەي خانلىق مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 2-2 دورتموند كوماندىسى بىلەن تەڭلىشپ قالدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى