• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يوپۇرغا ناھىيەسىدە بۇ يىل ئەمىن ئۆي سالغاندېھقانلارنىڭ ھەممىسى يېڭى ئۆيلىرىگە كۆچۈپ بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:54 07-12-2016
    تەھرىر : ئىمىنجان تۇرسۇن
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: يوپۇرغاناھىيەسىدە بۇ يىل نوقتىلىق سۇ ئامبالىرى ئەتراپىغا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە كونا ئۆيلەردە ئولتۇرىۋاتقان ئائىللەرنىڭ ئۆيىنى ئومۇمىيۈزلۈك يېڭىلاپ، قايتا ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3000 ئائىلىگە ئەمىن ئۆي سېلىشنى پىلانلىغان ئىدى. ناھىيەلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانلارنى تۇرالغۇ رايونى ۋە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق رايونى بىر گەۋدىلەشكەن ئەمىن ئۆيگە كۆچۈرۈپ ماكانلاشتۇرۇشنى بۇ يىللىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تۈرى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بۇ يىل ئىش باشلانغان ئەمىن ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق پۈتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ يۇرۇق، ئازادە ئۆيلەردە قىشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

    يوپۇرغا ناھىيەسى بۇ يىل مەركەز، ئاپتونۇم رايۇن ۋە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يارىدەم مەبلىغى ئاساسىدا، ناھىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش يانداشما يارىدەم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ،قۇرۇلۇش راسخۇتىنى ئۆز ۋاختىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىغان دېھقانلارنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرياللىرىنىڭ ئۆكسۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ جەرياندا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنى چىڭ تۇتتى. ھويلا- ئارام ئىگىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا يانداش باغۋاران، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارغان 1500 دىن ئارتۇق ئائىلىگە ناھىيە مالىيەسىدىن 11 مىڭ يۈەندىن تولۇقلىما يارىدەم پۇلى بەردى. ئاپتونۇم رايۇنلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى، قاتناش- ترانسىپورت نازارىتى ۋە باۋگاڭ گۇرۇھى، «1-ئاۋغوست» پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ كەنتلەردە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى 300 دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە قوتان قۇرۇلۇشىغا 1 مىليۇن 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياردەم مەبلىغى ھەل قىلىپ بىرىپ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىىدا ئىش باشلىغان دېھقانلار 12- ئاينىڭ بېشىدا يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.




    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى