• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يوپۇرغا ناھىيەسىدە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە رادىيۇ ئاڭلاپ، تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:51 07-12-2016
    تەھرىر : ئىمىنجان تۇرسۇن
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: يوپۇرغاناھىيەسى بۇ يىل چەت، يىراق يېزا، كەنتلەردىكى 8724 ئائىلىگە رادىيۇ- تېلېۋىزىيە سىگنالىنى يەر يۈزىدە قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ بىرىپ، دېھقانلارنى 49 يۈرۈش رادىيۇ پروگراممىسى، 69 يۈرۈش تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى خالىغان ۋاقىتتا ئاڭلاش، كۆرۈشئىمكانىيتىگە ئىگە قىلدى.

    يوپۇرغا ناھىيەسى 2013-يىلىدىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 20 مىڭ 500 تېلېۋىزور يارىدىمىگە ئېرىشىپ، نامرات ئائىللەرگە تارقىتىپ بىرىش بىلەن بىللە، مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايۇننىڭ «رادىيۇ- تېلېۋىزىيە سىگنالىنى ئائىللىرىگە كىرگۈزۈپ. مەدەنىيەتتىن ھەممە ئائىللەرنى بەھرىمان قىلىش» قۇرۇلۇشى بويىچە 30 مىڭ 450 يۈرۈش رادىيۇ- تېلېۋىزىيە سىگنالىنى يەر يۈزىدە قوبۇللاش ئۈسكۈنىسىگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ جەرياندا ناھىيە رادىيۇ- تېلېۋىزىيە سىگنالىنى قوبۇللاش ئۈسكۈنىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا يەرلىك مالىيەدىن 2 مىليۇن 300 مىڭيۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، قۇراشتۇرۇش، ئورنىتىش، تەڭشەش قاتارلىق ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىك-ئىشچىلارنى كۆپەيتىپ، دېھقانلارنى ئىمكان قەدەر بۇ تۈردىن بالدۇر مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تىرىشتى. نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە 30 مىڭ 450 دېھقان ئائىلىسىگە رادىيۇ- تېلېۋىزىيە قوبۇللاش قازىنى، ئانتېننا ئورنىتىپ بېرىلىپ، ناھىيە بويىچە رادىيۇ- تېلېۋىزىيە سىگنالىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %100 ۋە %98 كە يەتكۈزۈلدى




    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى