• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    نامراتلارغا ئەسقاتقان توي پۇلى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:26 07-12-2016
    تەھرىر : ئۆمەر ھامۇت
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىر نىياز خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا شايار ناھىيەسىنىڭ قايلور بازىرى بېدىلىكئوي كەنت مەدەنىيەت پائالىيەت زالىدا يېڭىمەھەللە بازار يانئېرىق كەنتىدىكى دېھقان يىگىت لوقمان ياسىن بىلەن مۇشۇ كەنتتىكى دېھقان قىز رىزىۋانگۈل ئۆ مەرنىڭ قۇتلۇق توي مەرىكىسى ئاددىي- ساددا ئۆتكۈزۈلدى.

    تويغا تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار ئەنئەنىۋىي ئۆرپ-ئادەت بۇيىچە ئاۋال قىزنىڭ ئائىلىسىدە پولو يەپ، قىز- يىگىتكە نىكاھ ئوقۇتۇپ بولغاندىن كېيىن كەنت مەدەنىيەت پائالىيەت زالىغا چىقىپ شوق، يېقىملىق ناخشا- مۇزىكىغا جۆر بولۇپ مەشرەپ ئويناپ، بىر جۈپ ياشنىڭ ۋىسال تاپقانلىقىغا، مەڭگۈ ئىجىل- ئىناق، بەختلىك ئۆتۈشىگە تىلەك تىلەشتى. ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇشۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل»خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ ئىككى ياشنىڭ تويىغا 1000 يۈەن قىممىتىدە تۇرمۇش بۇيۇملىرى سوۋغا قىلدى. كەنت رەھبەرلىرى تەبرىك سۆزىگە بىرلەشتۈرۈپ، تويغا كەلگەن ئاممىغا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغنى ئاددىي- ساددا ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىي تۇرمۇشقا يۈزلۈنۈپ، نامراتلىقتىن تېز قۇتۇلۇش ھەققىدە تەشۋىق- تەربىيە ئىشلىدى. ئارقىدىن تويى بولغان قىز- يىگىت تويغا تەييارلاپ ئېشىپ قالغان 3500 يۈەنگە 10خالتىدىن ئۇن،گۈرۈچ، 10 باك ماي ۋە 100دەپتەر،قەلەم، 10 ئوقۇغۇچىلار بوخچىسى سېتىۋېلىپ، بېدىلىكئوي كەنتى ۋە كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئائىلىسى نامرات، قىيىنچىلىقى بار 20 دېھقان،10ئوقۇغۇچىدىن ھال سورىدى.

    يېقىندىن بۇيان شايار ناھىيەسىنىڭ يېزا- بازارلىرىدا دېھقان ياشلىرىنىڭ تويىنى كەنت (مەھەللە)مەدەنىىيەت پائالىيەت زالىدا يېڭىچە، ئاددىي –ساددا ئۆتكىزىدىغان مەدەنىي، تېجەشلىك بولغان ئۆرپ- ئادەت پائالىيەتلىرى ئەۋىج ئېلىپ ئومۇملاشماقتا.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى