• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاشقازاننى قۇۋەتلەپ ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى ئاددى رېتسىپلار

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:20 07-12-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    تەبئىي ئاشقازان دورىسى
    قاتكۆك تېبابەتتە ئاشقازان دورىسى، دەپ ئاتىلىدۇ. قاتكۆك سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ، ئاغرىق توختىتىدۇ ھەم يارىنىڭ پۈتۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشقازان بىلەن ئۈچەيدىكى بىئاراملىقنى تۈگىتىدۇ. قاتكۆكنىڭ تەبئىيىتى تاتلىق ھەم مۆتىدىل، زەھەرسىز بولغاچقا يىلىك تولۇقلاپ، بۇغۇملارغا نەپ بېرىدۇ، سۆڭەك ۋە پەيلەرنى چىڭىتىدۇ، قىزىتمىنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
    يېيىش ئۇسۇلى: قاتكۆكنى ئېزىپ، سۈيىنى ئىچسە ئۈنۈمى بولىدۇ.

    تەبئىي ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى
    لىمۇن دۇنيادىكى دورىلىق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى مېۋىلەرنىڭ بىرى، تىبابەتتىن خەۋىرى بارلار ئۇنى ‹ تەبئىي ياللۇغ قايتۇرۇش مىۋىسى› دەپ ئاتايدۇ. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بېرىدىغان پايدىسى ئانتىىبيوتىك دورىلارنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرۇش، بەدەننىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى زورايتىش رولىلىرى بار.
    يېيىش ئۇسۇلى: كۈندە بىر ئىستاكان لىمۇن سۈيىنى ئىچىپ بەرسىلا بولىدۇ.

    تەبئىي ھەزىم قىلىش دورىسى
    ئەگەر دائىم ھەزىم قىلىشى ياخشى بولمىسا، تاماقتىن كېيىن ئازراق ئاناناس يەپ بەرگەننىڭ زېيىنى يوق، چۈنكى ئاناناستا بار بىر خىل پەۋقۇلئاددە ئاقسىل پىگېمىنىتى ئاشقازاندا ئاقسېلنى پارچىلاپ، بەدەندە بار ھەزىم قىلىش پىگمىنىتىنىڭ يېتەرسىزلىكنى تولۇقلايدۇ ۋە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ.
    يېيىش ئۇسۇلى: ئاناناسنى ئاچ قۇرساققا يېيىشكە بولمايدۇ. يېيىشتىن بۇرۇن تۇز سۈيىگە چېلىۋەتسە، ئۇنىڭدىكى چۈچۈمەل تەمنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى