• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئاتلىق تەشۋىقات ئەترىتى« ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى تارقاق ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:59 07-12-2016
    تەھرىر : ئۆمەر ھامۇت
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنياز خەۋەر قىلىدۇ: تاغلىق رايونغا جايلاشقان ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى ئۆستەڭ بويى كەنتىدە ئۇدا نەچچە كۈن قار ياغدى .12- ئاينىڭ 4-كۈنى قېلىن قار بىلەن قاپلانغان كەنتتە 35كىشىدىن تەشكىللەنگەن كەنت ئاتلىق تەشۋىقات ئەترىتى ئەزالىرى يىغىلىپ، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى دېھقان چارۋىچىلارغا يەتكۈزۈشكە تەيارلىق قىلدى. بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى ئۆستەڭ بويى كەنتى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان كەنت بولۇپ، قاتناشنىڭ قولايسىز، رادىيو- تېلېۋىزىيە بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بۇلىشى ھەمدە چارۋىچىلارنىڭ پەسىلگە قاراپ كۆچۈشى تۈپەيلى كەنت ئاھالىلىرى پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت .بەلگىلىملەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بۇلالمايتى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كەنت كومىتېتى بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئاتلىق تەشۋىقات ئەترىتى تەشكىلىدى. ئۆستەڭ بويى كەنتى ئاتلىق تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ باشلىقى قەيسەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: تەشۋىقات ئەترىتى مەيلى قار، يامغۇر، ياكى بورانلىق كۈنلەر بولسۇن ھەر بىر ئائىلىلەرگىچە كىرىپ، چارۋىچىلارغا پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىللە سىياسەت، قانۇن نىزاملارنى چۈشەندۈرۈپ، چارۋىچىلارنىڭ سورىغان سۇئالىرىغا جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى.
    ئابلاجان ئاتاۋۇللانىڭ 200دەك قويى بار بولۇپ، ئائىلىسى كەنتىن 10كىلو مېتىر يىراقلىقتا بولغاچقا، كەنتتىكى تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بولالمايتى. شۇڭا ئۇنىڭ پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىگە قارتا چۈشەنچىسى تۆۋەن ئىدى. كەنت ئاتلىق تەشۋىقات ئەترىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن ئۇ ئويدىن چىقماي تۇرۇپلا پارتىيەنىڭ فاڭجىن، سىياسەتلىرىدىن خەۋەردار بولدى. ئابلاجان ئاتاۋۇللا مۇنداق دېدى: ئاتلىق تەشۋىقات ئەترىتى بىرىنچىدىن بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنى قوغدايدۇ ئىككىنچىدىن پارتىيە، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ھەرقانداق سىياسەتلەرنى ئائىلىمىزگىچە كېلىپ يەتكۈزدۇ، بىز بۇنىڭدىن بەك خۇشال.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى