• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بورتالا شەھىرىنىڭ «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترەتلىرى ئاممىغا 807 تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:58 07-12-2016
    تەھرىر : ئۆمەر ھامۇت
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇغېنى ھاجىيۇپ خەۋەر قىلىدۇ: بورتالا شەھىرىدە بۇ يىل كەنتلەرگە ئەۋەتىلگەن 506 ئورگان كادىرىدىن تەشكىللەنگەن 93 خىزمەت ئەترىتى دېھقانـ چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ھازىرغىچە ھەر قايسى خىزمەت ئەترەتلىرى ھال سورىغان، ياردەم بەرگەن ئائىلە 5884 كە، قىلىپ بەرگەن ئەمەلىي ئىشى 807 گە يەتتى. 1167 ئائىلىدىكى 3089 كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

    12 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى مۇخبىر بورتالا شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىن چىندېل بازىرى شابۇرتا كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسىغا

    ئەگىشىپ شابۇرتا كەنتىگە بېرىپ، تاشيولنىڭ كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشقانلىقىنى، يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەرنىڭ قاتار ـ قاتار رەتلىك سېلىنغانلىقىنى كۆردى. مۇخبىر ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق،خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىىرلارنىڭ بۇ كەنتكە كېلىپلا ئۆيمۇ ـ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ كونا، تاشيوللىرىنىڭ راۋان ئەمەسلىكىنى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا سۇ ئىشلىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقىدا تۈر مەبلەغلىرى ئەمەلىيلىشىپ، يېڭىدىن تۇرۇبا سۈيى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ كەنت ئاھالىلىرى پاكىز، بىخەتەر سۇ ئىچەلەيدىغان بولغانلىقىنى، كەنت يولىغا 60 دانە كوچا چىرىغى ئورنىتىلغانلىقىنى؛ بەش كىلومېتىر يولغا ئاسفالىت ياتقۇزۇلغانلىقىنى ئۇقتى.

    ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بورتالا شەھىرىدىن كەنتلەرگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خىزمەتنىڭ بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ، سۇ، توك، يول، تۇرالغۇ قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، كەنت، مەھەللىلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرىدىن 62 نى يولغا قويۇپ، 21 مىليون 630 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى نەقلەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت ئەترەتلىرى خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، دېھقانـ چارۋىچىلارغا ئىش تىپىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولغان. كەسىپلەر بويىچە 26 قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، دېھقانلارنى 5132 ئادەم (قېتىم) تەربىيەلەپ، 514 ئېشىنچا ئەمگەكچىنىڭ شەھەردە مۇقىم ئىش ئورنىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى