• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مېھىر ـ مۇھەببەت يەتكۈزۈپ، قەلبلەرنى ئىللىتىش

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:56 07-12-2016
    تەھرىر : ئۆمەر ھامۇت
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇغېنى ھاجىيۇپ خەۋەر قىلىدۇ. ئارىشاڭ ناھىيەسىدىكى « تۆت ئاچاـ سىڭىل» ھەققىدىكى ھېكايە ئارىشاڭ ناھىيە بازىرىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئېغىزدىن- ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرمەكتە

    بۇغدار بازىرىدىكى ئالتۇن، جوۋ فېڭيىڭ، سانىيە خېلىل، باقىتگۇل بىراي موڭغۇل، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق مىللىتىدىن بولغان بۇ تۆت ئايالنى كىشىلەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تۆت ئاچاـ سىڭىل» دەپ تەرىپلىشىدۇ.

    11ـ ئاينىڭ 28ـ كۈنى بوغدار بازىرى «شيەنچۈەن» مەھەللىسىدىكى جوۋ فېڭيىڭنىڭ ئۆيى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى. بۇ تۆت ئاچا ـ سىڭىل بىر يەرگە يىغىلىپ، تورت يېگەچ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەپ ناخشا ئېيتىشىۋاتاتتى. ئەسلىدە ئۇ كۈنى جوۋ فېڭيىڭنىڭ 80 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، ئاچا ـ سىڭىللار قوللىرىدىكى ئىشلارنى قويۇپ، مەخسۇس ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگىلى يىغىلغان ئىدى.

    سانىيە: تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!»، دەپ تۇغۇلغان كۈن تەبرىك سۆزىنى دېگەچ، بىر پارچە تورتنى كېسىپ جوۋ فېڭيىڭغا سۇنغاندا، جوۋ فېڭيىڭ ھاياجانلانغان ھالدا: سىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمنى ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت، مەن بۈگۈن بەك خۇشال، دېدى.

    48 ياشلىق سانىيە بوغدار مەھەللىسىدىكى خەلق ئىشلار كادىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن جوۋ فېڭيىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايىسىنى تۆت يىل ئاۋالقى ئىشلاردىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

    2012 ـ يىلى قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە سانىيە ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ ئەڭ ئاخىرىدا جوۋ فېڭيىڭنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە جوۋ فېڭيىڭنىڭ: قىزىم كىرىپ بىر پىيالە ئىسسىق چاي ئىچىۋالغىن، دېگەن سۆزى سانىيەگە باشقىچە بىر خىل ئىللىقلىق ئاتا قىلدى. سانىيە ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق جوۋ فېڭيىڭنىڭ يولدىشىنىڭ يېقىندىلا تۈگەپ كەتكەنلىكتىن بۇ ياشانغان ئانىنىڭ ئۆزى يالغۇز تۇرىۋاتقانلىقىنى ئۇقتى. شۇنىڭدىن كېيىن دائىم ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنى يوقلاپ، ھالـ مۇڭ بولۇپ، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدى ۋە ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ مومايمۇ سانىيەدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى.

    70 ياشلىق ئالتۇن بىلەن سانىيە بىر مەرىكىدە تونۇشۇپ قالغان ئىدى. سانىيە مەھەللىدە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئىشلىرىنى بىجىرىش، مېيىپلەر خىزمىتى قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ، ئادەتتە ناھايىتى ئالدىراش بولغانلىقتىن قېينئانىسىنى يوقلايدىغانغا ۋاقىت چىقىرالماي ئارىدا سەل ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالغان ئىدى. سانىيەنىڭ بۇ باش قېتىنچىلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئالتۇن ئۇنىڭغا: بۇ ئىشنى ماڭا قويۇپ بېرىپ، خاتىرجەم خىزمىتىڭنى ئىشلەۋەر، دېدى.

    ئالتۇن بىلەن سانىيەنىڭ قېينئانىسى قوشنا ئىدى. ئالتۇن سانىيەنىڭ قېينئانىسىغا مەھەللە خىزمىتىنىڭ خاراكتېرىنى، سانىيەنى توغرا چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردى. ئالتۇن ھەدىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق سانىيەنىڭ قېينئانىسى ئاخىرى كېلىنىنىڭ خىزمىتىنى قوللايدىغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن سانىيە ئالتۇن ھەدىنى ھەدە قىلىۋالدى، ئۇلار دائىم ئۆزئارا ئۇسۇل، تىل ئۆگەندى، سانىيە موڭغۇل تىلىنى بارغانسېرى ئۆلچەملىك سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى.

    سانىيەنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئالتۇن ھەدە بىلەن جوۋ فېڭيىڭمۇ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

    38 ياشلىق باقىتگۇلگە ئۈچ ئادەمنىڭ يۈكى يۈكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ 12 ياشلىق ئوغلى تۇغما مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايتتى، يەنە بىر قىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقتىن تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ھەممىسى باقىتگۇلنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئىدى. سانىيە باقىتگۇلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسى بېجىرىپ بەردى ھەمدە ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن باقىتگۇل ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىدا ياخشىلىنىش بولدى. ئالتۇن ھەدە بىلەن جوۋ فېڭيىڭمۇ دائىم باقىتگۇلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بەردى.

    باقىتگۇل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مېنىڭ ھەر قايسى مىللەتتىن بولغان ئۈچھەدەم بار، ئۇلار خۇددى قېرىنداشلىرىمغا ئوخشاش ماڭا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى، ماڭا ياشاش ئۈمىدى ئاتا قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ھەدەلىرىم بىلەن بىللە ئۆزئارا مېھىرـ مۇھەببەت يەتكۈزۈپ، مېھىر ـ مۇھەببەت نۇرلىرىنى ھەر بىر قەلبگە چاچىمەن.

    بۇ «تۆت ئاچا ـ سىڭىل» جوۋ فېڭيىڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزئارا بىر ـ بىرىنى يۆلىشىپ، ئارىشاڭ ناھىيەلىك «دامو» ياشانغانلار ياتاق بىناسىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ياشانغانلارنى يوقلىدى. ئۆزئارا يەتكۈزۈلگەن مېھىرـ مۇھەببەت بۇ «تۆت ئاچاـ سىڭىل» ئوتتۇرىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى