• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سوغۇقتا ھەدىيە قىلىنغان پايپاقلاردىن پۇتلارغائىسىقلىق ،كۆڭۈللەرگە ئىللىقلىق يەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:53 07-12-2016
    تەھرىر : ئۆمەر ھامۇت
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرمىز پەرھات مىجىت، گۈلبەھرەم مەمەت خەۋەر قىلىدۇ 12- ئاينىڭ 6- كۈنى شايار ناھىيەلىك قىزىل كىرىست جەمئىيىتى پايپاقلاردىن پۇتلارغا ئىسىقلىق،كۆڭۈللەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 1- سەپتىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە قېيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

    پائالىيەتتە قېيىنىچلىقى بار بەش ئامما ۋەكىلىي ۋە بەش مۇھىت ئاسراش ئىشچلىرى ۋەكىلىگە قىشلىق پايپاق تارقىتپ بېرىلدى . جىمىلەم بارات مۇھىت تازىلىقى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 16 يىل بولغان بولۇپ، قىش كۈنلىرى پۇتى توڭلاپ بەق قىينىلىپ كېتەتتى. بۈگۈن قىزىل كىرىس جەمئىيىتى تارقاتقان پايپاقلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدى .

    جىمىلەم بارات مۇنداق دىدى :گەرچە پايپاقنىڭ قىممىتى تۆۋەن بولىسمۇ، بىزگە بولغان قىممىتى يۇكىرى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم. قىزىل كىرىست جەمئىيىتىدىكىلەرگە مۇھىت ئاسراش تازىلىق ئىشچىللىرى نامدىن كۆپتىن– كۆپ رەھمەت ئېيىتمەن.

    ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىقى پائالىيەتتە 7600 جۈپ پايپاق تارقىتىلغان بولۇپ، بىر قىسىمى قېيىنىچلىقى بار ئاممىغا بىۋاستە تارقىتىلغان، يەنە بىر قىسىمى ھەرقايسى يېزا ، بازار مەيدانلاردىكى قىزىل كىرىست جەمئىيەتلىرى ۋە مەھەللەردىكى « مېھىرى- شەپقەت تاللا بازىرى » قاتارلىقلار ئارقىلىق، قېيىنىچلىقى بار ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى