• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئاتلىق تەشۋىقات ئەترىتى« ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى تارقاق ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:46 07-12-2016
    تەھرىر : ئۆمەر ھامۇت
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرئەخمەت نۇرامبەگ خەۋەر قىلىدۇ: غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي بازىرى سەندۈەن كەنتىدىكى 78 ياشلىق ھوشۇر قۇربان 11- ئاينىڭ 19- كۈنى ئەتىگەندە، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تەلىپى بويىچە ناشتا قىلماي، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بازارلىق شىپاخانىغا كېلىپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتناشتى. بۇ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى ئىدى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە بىزگە ناھايىتى ياخشى غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ، تەكشۈرتۈش ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالىمنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدىم.

    ھوشۇر قۇربان ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىدىغان 2 مىليون 300 مىڭ ئادەمنىڭ بىرى. 11– ئاينىڭ 30– كۈنىگىچە ئوبلاست بويىچە 1 مىليون 137 مىڭ 910 ئادەم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتكەن بولۇپ، تەكشۈرۈش نىسبىتى ٪48.66 بولدى.

    ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش باشلانغاندىن بويان، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئوننى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش»، «تۆتنى گەۋدىلەندۈرۈش» تەلىپى بويىچە بۇ خىزمەتنى ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشتىكى موھىم ئىش قاتارىدا چىڭ تۇتتى. ئوبلاستلىق پارتكوم ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىدا يىغىن ئېچىپ، خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، ئاساسلىق رەھبەرلەر كۆپ قېتىم ناھىيە ( شەھەر) لەرگە بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيىتتى. ناھىيە (شەھەر)لەر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، تەكشۈرۈشنى تاماملاش ۋاقتى ۋە تەكشۈرۈشنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى ئېنىق بېكىتىپ، بۇ خىزمەتنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

    بۇ قېتىمقى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىدا ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى شىپاخانا خادىملىرى ۋە ئۈسكۈنىلەر يېتىشمىدى، ئاپتونوم ئوبلاست ئاپتونوم رايون ئاجرىتىپ بەرگەن مەخسۇس مەبلەغنى ناھىيە (شەھەر) لەرگە ۋاقتىدا ئاجرىتىپ بەردى. ناھىيە (شەھەر)لەر 63 مىليون 120 مىڭ يۈەن جۇغلاپ، زۆرۈر ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

    ئاپتونوم ئوبلاست جايلاردىكى داۋالاش بايلىقلىرىنى ۋاقتىدا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈسكۈنە، خادىملارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، داۋالاش كۈچى ئاجىز ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتتى. ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى، ئىلىدا تۇرۇشلۇق قىسىم دوختۇرخانىلىرى 87 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن 22 داۋالاش ئەترىتىنى يېزا، كەنتلەرگە ئەۋەتىپ، خىزمەتلەرگە تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلدۇردى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىك 31 داۋالاش ئاپپاراتىدىن 762 تېببىي خادىمنى يېزا، بازارلىق شىپاخانىلارغا ئەۋەتتى. جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى، چاڭجۇ شەھىرى ۋۇجىن رايونى، تەيجۇ شەھىرى، جاڭجياگاڭ شەھىرى ئەۋەتكەن 27 داۋالاش ئەترىتىدىكى 87 مۇتەخەسسىس 70 دانە داۋالاش ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ، چاپچال، نىلقا، موڭغۇلكۈرە، توققۇزتارا ناھىيەلىرىگە بېرىپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياردەم بەردى، نەنجىڭ شەھىرى ئەۋەتكەن داۋالاش ئەترىتىمۇ يېقىندا ئىلىغا يېتىپ كېلىدۇ.

    نىلقا ناھىيەسى مېھىر– شەپقەت ئاپتوموبىل ئەترىتى قۇرۇپ، ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلار، مېيىپلەرنىڭ ئائىلىسىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى؛ غۇلجا ناھىيەسى «سالامەتلىكنى مەركەزلىك تەكشۈرۈش + ئالاھىدە توپتىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئاپىرىپ– ئەكىلىپ تەكشۈرۈش + چەت– يىراق كەنت، ئەترەتلەردىكى ئاممىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەممە كىشىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

    ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا تېببىي خادىملار ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇردى؛ بۇ خىزمەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، داۋالاش ئىسلاھاتى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى