• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ترامپ كىمنى دۆلەت كاتىپلىقىغا تەيىنلەيدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:57 07-12-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى تىرامپ ھازىر دۆلەت كاتىپى تاللاشقا ئالدىراۋاتىدۇ. ئۇ نەچچە كۈن ئىلگىرى تىرامپ سارىيىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سابىق تۆت يۇلتۇزلۇق گېنىرالى، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى پېتىرېئۇس بىلەن كۆرۈشكەن، كۆرۈشۈشتىن كېيىن «تۇۋېتېر»دا پېترېئۇسنىڭ ئۆزىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر قىسىم تاراتقۇلار پېترېئۇس يېڭى دۆلەت كاتىپى بولۇشتىكى باش نامزات بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشقان.
    پېترېئۇس ئۇچرىشىشتىن كېيىن تىرامپ سارىيىدا مۇخبىرلارغا قىسقىلا قىلىپ، ئۇچرىشىشنىڭ ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى، ئىككىسىنىڭ خەلقئارالىق ئىشلار، دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەت ۋە پۇرسەتلەر توغرىسىدا بىر سائەت ئەتراپىدا پاراڭلاشقانلىقىنى، قالغان ئىشلارغا كېيىنچە بىر گەپ دەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ 3- دېكابىر ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرىغا:«ئەگەر تىرامپ مېنى بىرەر ۋەزىپىگە تەيىنلىسە، مەن ماقۇل دەيمەن»دېگەنىكەن.
    پېترېئۇس بۇ يىل 64 ياشتا، 1974- يىلى ۋېست پوئىنت ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن پىيادە ئەسكەرلەر ھەربىي ئەمەلدارى بولغان. مايور ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن پېترېئۇس 2003- يىلى 101- پاراشۇتچىلار دېۋىزىيەسىگە كوماندىر بولۇپ، باغدادقا بارغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى«ئىراق ئۇرۇشىدىكى قەھرىمان»دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ 2004- يىلى ئىراقتا تۇرۇشلۇق كۆپ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ئۆتكۈنچى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، ئىراقنىڭ خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان، 2008- يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى بولغان، 2009- يىلى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولغان.
    ئىراق ئۇرۇشى ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىدا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان پېترېئۇس ئامېرىكا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئەڭ مۇھتاج بولۇۋاتقان مۇھىم گېنىراللارنىڭ بىرى، دەپ قارالغان، بىر مەزگىل ھەتتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىنغان. ئوباما 2011- يىلى پېترېئۇسنى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا كۆرسەتكەن. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىنى يازغان يازغۇچى بىلەن نىكاھتىن سىرت سەتچىلىكى سەۋەبلىك ئىستېپا بەرگەن، يەنە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلغان.
    ئامېرىكا كولومبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىرامپنىڭ پېترېئۇسنى دۆلەت كاتىپلىقىغا تاللىشىغا ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش ۋەدىسى سەۋەب بولغان. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ ھەممىدىن خەۋەردار بىر ئەربابنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن «تىرامپ ئۇنى خاتالىق ئۆتكۈزگەن ياخشى ئادەم، ھېلىمۇ نۇرغۇن جازالارغا ئۇچرىدى، دەپ قارايدۇ». ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پېترېئۇس جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ تەڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن ھەربىي رەھبەر ئىكەن، ئۇ دۆلەت كاتىپى بولسا تىرامپ لاگېرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇرەسسەچىلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. تىرامپ ئۆتكۈنچى ئۆمىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىرامپنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىدىن چېكىنگەن گېنېرال ماتىسنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەشنى ئويلاشقاچقا، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئىككى گېنىرالغا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىلەن بەش بۈرجەكلىك بىنانى تۇتقۇزۇپ قويۇشتىن سەل ئەنسىرەپ قالغان.
    تىرامپ ئۆتكۈنچى ئۆمىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھازىر كىمنى دۆلەت كاتىپلىقىغا كۆرسىتىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بولۇۋېتىپتۇ. ئامېرىكا رادىيو شىركىتىنىڭ ھەممىدىن خەۋەردار يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەربابنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى رومنېينى دۆلەت كاتىپلىقىغا كۆرسەتكەنلەر: رومنېي ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدۇ،دېگەن. بىراق سابىق پارلامېنت باشلىقى گىڭرىچ قاتارلىق تىرامپنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى بولسا: رومنېي ياخشى نامزات ئەمەس، ئۇ ھازىرغىچە بىرەر قېتىم سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈپ باقمىدى، بىرەر قېتىم بولسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى تىرامپنى سۆككەنلىكىدىن كەچۈرۈم سوراپ باقمىدى، دېيىشكەن.
    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى