• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    چەتئەل مەمۇرلىرىنىڭ مائاشى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:12 07-12-2016
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ‹‹خەلق گېزىتىدە›› ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئامېرىكا، گىرمانىيە ۋە ياپۇنىيە مەمۇرلىرى( جۇڭگۇنىڭ شىياڭگاڭ رايۇنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ مائاشى تىلغا ئېلىندى.

    سىنگاپور مەمۇرلىرىنىڭ مائاشى

    سىنگاپور 1994-يىلى قانۇن ئارقىلىقلا قېلىپلاشتۇرۇش شەكىلىدە ئەمەلدارلارنىڭ مائاشىغا چەك قويغان، شۇڭا بۇ ئەلدە ئەمەلدارلارنىڭ مائاشى پۇقرالارنىڭ كىرىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئەلدە مىنىستىرلارنىڭ مائاشى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، بانكىر،ئاۋدوكات، بوغالتىر ئىنژىنىر ۋە كارخانا باش مۇدىرى قاتارلىق 48 ساھەنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا تەڭ، باشقا دەرىجىلىك مەمۇرلارنىڭ مائاشىمۇ مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە بىكىتىلگەن.

    2008-يىلى دۇنياۋى ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ زەربىسىدە كارخانىلارنىڭ كىرىمى تۆۋەنلىگەچكە، خۇسۇسىي كارخانىلاردىكى ئىشىچ -خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ئازايغان، شۇڭا سىنگاپور ھۆكۈمىتى مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى تەڭشەپ، ھەر قايسى دەرىجىدىكى مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى ھەر قايسى دەرىجىدىكى مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى%11 تىن%19 كىچە ئازايتىقان. ھازىر زۇڭتۇڭنىڭ مائاشى3 مىليۇن4000 سىنگاپور دوللىرىغا،4-دەرىجىلىك بۆلۈم باشلىقىنىڭ مائاشى بىر مىليۇن 570 مىڭ سىنگاپور دوللىرىغا ،يۇقىرى دەرىجىلىك ياللانما خادىملارنىڭ مائاشى 353 مىڭ سىنگاپور دوللىرىغا، پارلامىنىت ئەزاسىنىڭ مائاشى 190 مىڭ سىنگاپور دوللىرىغا چۈشكەن.

    شىۋېتسىيەدە مەمۇرلارنىڭ مائاشى قۇرلۇش ئىشچىلىرىنىڭكىدىن تۆۋەن

    شېۋىتسىيەنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى 29 مىڭ100 ياۋرو بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى مائاش 35 مىڭ200 ياۋرو، ئەڭ تۆۋەن مائاش22 مىڭ ياۋرو بولغان. بۇ ئەلدە مائاش ياشقا باغلانغان، يەنى 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغانلارنىڭ مائاشى 22 مىڭ ياۋرو بولسا، 60ياشتىن64 ياشقىچە بولغانلارنىڭ مائاشى 32 مىڭ ياۋرو. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ23 مىڭ ياۋرو، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ 27 مىڭ 600 ياۋرو، ماگىستىر ئاسپىرانىتلار ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىدىكىلەرنىڭ 35 مىڭ 50 ياۋرو.

    شېۋىتسىيەنىڭ%80 رايۇنىدا مائاش 27 مىڭ ياۋرودىن 29 مىڭ 999 ياۋروغىچە، 26 مىڭ999 ياۋرودىن تۆۋەن رايۇنلارنىڭ%12 نى، 30 مىڭ ياۋرودىن يۇقىرى رايۇنلارنىڭ %8 نى ئىگىلەيدۇ. ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايانكى، مەمۇرلارنىڭ مائاشى قۇرلۇش ئىشچىلىرىنىڭ مائاشىدىن تۆۋەن؛ شېۋىتسىەدە كارخانىلار ئارا پەرىق چوڭ ئەمەس، مائاشى ئەڭ يۇقىرى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مائاشى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى تىببىي خادىملارنىڭكىدىن%20 يۇقىرى؛ بۇ ئەلدە كەسپىي دەرىجە مائاش پەرىقىمۇ چوڭ ئەمەس، يەنى دۆلەت كارخانىسى باش مۇدىرنىڭ مائاشى دەرۋازىۋەننىڭكىدىن%135 يۇقىرى.

    شېۋىتسىيەدە ياشنىڭ مائاشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ ئەمەس، 60 ياشتىن64 ياشقىچە بولغانلارنىڭ مائاشى 18ياشتىن24 ياشقىچە بولغانلارنىڭكىدىن%45 يۇقىرى؛ ئوقۇش تارىخنىڭ مائاشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ چەكلىك، ماگىستىر ئاسپىرانىتتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىدىكىلەرنىڭ مائاشى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭكىدىن%52 يۇقىرى؛ شېۋىتسىەدە ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ مائاشى بىر قەدەر ئادىل، يەنى رايۇنلارنىڭ مائاش پەرىقى%11 كە يېتىدۇ.

    نورۋېگىيەدە مەمۇرلار مائاشى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىغا تەڭ

    نورۋېگىيەدە ھەر قايسى ئوقۇش تارىخىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى مۇنداق: تۆۋەن دەرىجىلىك كىنىشكىسى بار ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى 32 مىڭ 760 ياۋرو، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كىنىشكىسى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى38مىڭ610 ياۋرو، ئالىي مەكتەپ دېپلومى بار ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى38 مىڭ630 ياۋرو، ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىدىكىلەرنىڭ مائاشى56 مىڭ160 ياۋرو. 40 ياشتىن54 ياشقىچە بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ئەڭ يۇقىرى، تەخمىنەن 43 مىڭ875 ياۋرو؛ 24 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ مائاشى ئەڭ تۆۋەن، تەخمىنەن27 مىڭ612 ياۋرو. نورۋېگىيەدە ئەڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ۋە ئەڭ تۆۋەن ئوقۇش تارىخىدىكىلەرنىڭ مائاش نىسبىتى 1:7 بولۇپ، پەرىق چوڭ ئەمەس؛ ياش بويىچە قارىغاندا، يۇقىرى كىرىملىك ياشلار بىلەن تۆۋەن كىرىملىك ياشلارنىڭ مائاش نىسبىتى1:6 بولۇپ، ئوخشاشلا چوڭ پەرىق يوق.

    فىرانسىيەدە مەمۇرلارنىڭ مائاشى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن بىر ھەسسە كۆپ

    فىرانسىيە قېرى كاپىتالىستىك دۆلەت بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەقسىمات تۈزۈمىدىن قارىغاندا، فىرانسىيە جەمىئىيتى ئىنسانپەرۋەرلىككە ۋە ئادىللىققا ئەھمىيەت بەرگەن. فىرانسىيە مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ئەڭ تۆۋەن مائاش بىلەن ئەڭ يۇقىرى مائاشنىڭ ئوتتۇرىچە سانىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى، مەمۇرلارنىڭ مائاشى بىلەن ئىشچىلارنىڭ مائاشى ئومومەن ئوخشاش. دۆلەتنىڭ مەمۇرلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇر( نازىرە، ئىدارە باشلىقىدىن يۇقىرى)، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەمۇر( بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى)، ئادەتتىكى مەمۇر( ئىش بىجىرگۈچى، ئىشخانا خادىملىرى) دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

    ئامېرىكىدا مەمۇرلارنىڭ مائاشى خۇسۇسىي كارخانىدىكىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن

    ئامېرىكىدا مەمۇرلارنىڭ بىكىتىلگەن يىلىق مائاشى 191 مىڭ 300 دوللار، تاشقى كېسەل دوختۇرلىرىنىڭ مائاشى206 مىڭ 770 دوللار؛ مەمۇرلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشى 17 مىڭ 46 دولار، تاماق توشۇغۇچىنىڭ مائاشى 17 مىڭ 400 دوللار. ئامېرىكىدا مەمۇرلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى مائاشى بىلەن ئەڭ تۆۋەن مائاشى خۇسۇسىي كارخانىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن، كۆپ ساندىكى مەمۇرلارنىڭ مائاشى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن.

    مەمۇرلارنىڭ مائاشى خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولغاچقا، خۇسۇسىي كارخانىنىڭ مائاشى ئېشىپ مەمۇرلارنىڭ مائاشى كېمەيگەن، شۇڭا مەمۇرلارنىڭ مائاشى بىلەن خۇسۇسىي كارخانا خادىملىرىنىڭ مائاشىدىكى پەرىق چوڭايغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەمۇرلۇق ئامېرىكىلقلار ئالدىن تاللايدىغان كەسىپ ئەمەس ئىكەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتات باش تەپتىش مەھكىمسى بىر قانچە ئالىي مەكتەپنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەمۇرلۇققا قىزىقمايدىغانلىقىنى، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 64 ئوقۇغۇچىدىن ئىككىسىلا ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كىيىن، مەمۇرلۇقنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى