• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    416 جىڭلىق دېڭىز تاشپاقىسى ئېچىنىشلىق ھالدا سويۇلۇپ​ گۆشىنىڭ ھەر جىڭى 70 يۈەندىن سېتىلدى

    مەنبە : district.ce.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 18:01 07-12-2016
    تەھرىر : سەلىمە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



    2016- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى كۆرۈنمە چاستوتا جاڭجياڭلىق كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىدە قىززىق نوقتىغا ئايلاندى. شۈۋېن ناھىيەسى چيەنشەن بازىرىدىكى دېڭىز بويىدا چوڭ دېڭىز تاشپاقىسى تاختىغا باغلاپ قويۇلغان بولۇپ ، 10 نەچچە ئادەم ئۇنى مەھكەم تۇتۇپ تۇراتتى.

    12- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 ئەتراپىدا، شۈۋېن ناھىيەسى چيەنشەن بازىرىدىكى دېڭىز بويىدا بىر توپ ئادەم دۆلەت تەرىپىدىن 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان رومبا قاسىراقلىق تاشپاقىنى سويۇپ، گۆشىنىڭ ھەر جىڭىنى 70 يۈەندىن ساتتى. يەرلىك كىشىلەر بەس- بەستە سېتىۋالغاچقا، تاشپاقا گۆشى بىردەمدىلا سېتىلىپ بولدى.

    بۇ تاشپاقا بېلىقچىلار تەرىپىدىن «دېڭىزدىكى غەلىتە ھايۋان » دەپ ئاتالىدىغان بولۇپ، ئۇ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ سالاھىيىتى تېخى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، ئېچىنىشلىق ھالدا مال سويۇش ئورنىغا سولاپ قويۇلدى.

    قاسساپ خەنجەر بىلەن تاشپاقىنى ئۆلتۈرگەندە، قان دەريا بولۇپ ئاقتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تاشپاقىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 416 جىڭ بولۇپ، تاشپاقا قېپى كېمە تاختىسىغا ئوخشايدىكەن. بۇ تاشپاقا دۆلەت تەرىپىدىن 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ئىكەن. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ دېڭىز تاشپاقىسى گۆشىنىڭ ھەر جىڭىنى بېلىقچى 70 يۈەنگە ساتقان ئىكەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردە، تاشپاقا گۆشى پۈتۈنلەي سېتىلىپ بولغان بولۇپ، ساتقۇچى 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان.

    شۇ جايدىكى بېلىقچىلار مۇنداق دېدى: بۇ خىل ھايۋاننىڭ ئىسمى « قوشۇمچە كېمە» بولۇپ، بۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىكەن. توردىكى تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، رومبا قاسىراقلىق تاشپاقىسى دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، سويۇپ گۆشى سېتىلغان بۇ تاشپاقا تاشپاقىلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تاشپاقا ئىكەن. ئەڭ چوڭىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، تاشپاقا قېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر كېلىدىكەن. ھازىر چىغىناقسىز تاشپاقا تۈر توپىنىڭ سانى ئازايماقتا ئىكەن. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دېڭىز تاشپاقىسى، چىغىناقسىز تاشپاقا بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى