• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سانچېز: مەن بارسېلونادا توپنى قانداق تىپىشنى قايتىدىن ئۆگەندىم، دېدى

    مەنبە : dongqiudi.com
    يوللانغان ۋاقىت : 18:00 07-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دوڭچۇدى تورى خەۋىرى. ئارسېنال كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى سانچېز «442 گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بارسېلونا كوماندىسىدىكى كەسپىي ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ھەم گەرچە بارسېلونا كوماندىسىدا ئارسېنال كومانىسىنىڭكىدىكىدەك چاقنىيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ مەزگىلنىڭ ئۆزىگە كۆپ ياردىمى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

    سانچېز بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: مەن بارسېلونا كوماندىسىدا قايتىدىن توپ تېپىشنى ئۆگەندىم. ئىنېستادىن مەيداندا قانداق سۈرئەت تېزلىتىشنى، شاۋىدىن مەيداندا قانداق يۆتكىلىشنى، مېسسىدىن مۇسابىقە ئەھۋالىنى قانداق ئالدىنئالا پەرەز قىلىش ھەم كۆزىتىشنى، پېدرودىن ۋاراتارغا توپ ئۇرۇشنى ئۆگەندىم.

    ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى توغرىسىدا توختىلىپ: مەن ئادەتتە تالاغا چىقىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيمەن، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرىمەن. مەن يەنە توخۇ گۆشى يېيىشكە ئامراق، قىزىلچا بىلەن كاپۇسكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسىمۇ ئىنتايىن يېيىشلىك بولىدۇ، مەن يەنە تاتلىق ياڭيۇ يېيىشكىمۇ ئىنتايىن ئامراق.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى