• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا خوشاللىق ۋە غەم-قايغۇ ئارلىشىىپ كەتكەن

    مەنبە : mini.eastday.com
    يوللانغان ۋاقىت : 17:00 07-12-2016
    تەھرىر : سەلىمە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



    باشبەت تورى خەۋىرى. «ۋال كوچىسى گېزىتى »نىڭ 14 ئىقتىسادشۇناسقا قىلغان تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە ، 11- ئايدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مۇقىم بولغان. بىراق، كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىشى يەنە شىددەت بىلەن ئېشىپ كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلگەن.
    كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغان ئەڭ يېڭى ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنى بۇ يىل ھۆكۈمەت تارقاتقان نەچچە مىليارد دوللار مەبلەغنىڭ ياردىمىنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى بۇ يىل %6.5تىن تۆۋەن بولمىغان ئېشىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشى مۇمكىن. ئورگان تەرەپ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى %20.5 ئاشقان بولۇپ، خۇسۇسىي تىجارەت تارماقلىرىنىڭ چىقىمى %2.9 ئاشقان.
    بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان RHB Groupنىڭ ئىقتىسادشۇناسى جاڭ فەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاساسىي ئەسلىھە چىقىمىنى كېڭەيتىش ۋە دۆلەت مەبلىغى بىلەن ئۆي- زېمىن بازىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلىگەن كەڭتاشا كرېدىت بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي كېڭىيىشنىڭ ئارقىسىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھېسابلىنىدىكەن.
    بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ 11- ئايلىق سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪6 ئاشقان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، 10-ئايدىكى ئېشىش نىسبىتى %6.1 بولغان؛ 11- ئايلىق پارچە سېتىش سوممىسى %10.3 ئاشقان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، 10-ئايدا %10 ئاشقان. سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئەھۋالىنى تەخمىنىي ئۆلچەيدىغان كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ.
    ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگونىڭ 1- ئايدىن 11- ئايغىچە بولغان دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلىغى %8.3لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئىكەن. بۇ سانلىق مەلۇمات قۇرۇلۇش پائالىيىتىنى ئۆلچەيدىغان بىر كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ.
    بۇ ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ دېيىشىچە، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئازراق ئېشىش ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىشىغا ئەگىشىپ، خام ئەشيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ۋە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلىشى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
    تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ 11- ئايدىكى ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئاشقان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى 10-ئايدا %2.1 تىن ئازراقلا يۇقىرى ئىكەن.
    11-ئايدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار باھا كۆرسەتكۈچى (PPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 ئاشقان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى 10- ئايدىكى %1.2 تىن بىر ھەسسە ئارتۇق ئىكەن. بۇ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنى ئۆلچەيدىغان كۆرسەتكۈچ 9-ئايدىن باشلاپ ئۆرلىگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى تۆت يىلدا ئىزچىل مەنپىي قىممەت دائىرىسىدە تۇرغان.
    تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ 11- ئايلىق ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 تۆۋەنلىگەن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 10- ئايدىكى %7.3دىن كىچىك ئىكەن؛ ئىمپورت سوممىسى %0.8 تۆۋەنلىگەن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، تۆۋەنلەش دائىرىسى 10-ئايدىكى %1.4 تىن كىچىك ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن 11- ئايلىق سودا ئاكتىپ بالانىسى 46 مىليارد 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن بولۇپ، 10-ئايدىكى49 مىليارد 60 مىليون دوللاردىن تۆۋەن ئىكەن.
    ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، جۇڭگونىڭ خېلى كۆپ سودا ئاكتىپ بالانىسى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ يەنىمۇ چوڭ كۆلەمدە تۆۋەنلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىرگە تاقابىل تۇرالمايدىكەن. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى بولۇپ، بۇ جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن مۈلۈك قىممىتىنى يۇقۇرى مۆلچەرلىۋېتىش كۆز-قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
    تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭگونىڭ 11- ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قالدۇقى 63 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، 3 تىرىليون 58 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ 1-ئايدا 99 مىليارد 470 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلىگەندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئايلىق تۆۋەنلەش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇدا 5 ئاي تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن؛ 10- ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قالدۇقى 45 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ كەتكەن.
    Capital Economicsنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تىرامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ دوللاردىن باشقا پۇل تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ قىممىتىنى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
    11- ئايدا جۇڭگونىڭ كاپىتال سىرتقا قېچىش ھادىسىسى ئېغىرلاشقان بولۇپ، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پىرىۋوت نىسبىتى شۇ ئايدا تەخمىنەن ٪1.7 تۆۋەنلەپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جەمئىي %5.8 چۈشكەن. بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلدىكى سودىغا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى.
    ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بازارغا ئارىلىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ،خەلق پۇلىنىڭ قۇرۇق ھەيۋىسىنى تىزگىنلىشى مۇمكىن ئىكەن.
    Macquarie Capital Ltdنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ خەلقئارا كىرىم-چىقىم كرىزىسى بولمىسىمۇ، بىراق ۋەزىيەت يەنىلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى