• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    راموس: باج توغرىسىدىكى ئۆسەك سۆزلەر خانلىق مادردنى قالايمىغان قىلىش ئۈچۈن دىيىلگەن ،دېدى

    مەنبە : dongqiudi.com
    يوللانغان ۋاقىت : 17:56 07-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دوڭچۇدى تورى خەۋىرى. خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ كاپىتانى راموس خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن دورتموند كوماندىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، يېقىندىن بېرى خانلىق مادىرىد كوماندىسىدىكى يۇقىرى-تۆۋەندىكىلەرنى پاراكەندە قىلىۋاتقان باجدىن قېچىش ۋەقەسىنىڭ مەقسىتى «خانلىق مادىرىدنى قالايمىقان قىلىش» دەپ كۆرسەتتى.

    ـــــ 11 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە سىز ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە خانلىق مادىرىد كوماندىسىدىكى تۇنجى توپىڭىزنى كىرگۈزگەن ئىدىڭىز:

    شۇنداق، ئۇ بىر كاللا توپ ئىدى، ئۇ مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل مىنۇتلارنىڭ بىرى، مەن ناھايىتى خۇشال بولغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتىكى رەقىبىمىز گىرېتسىيە ئولىمپىياكوس كوماندىسى ئىدى. راھۇل بىراۋو ئىختىيارى توپ باشلىغاندا مەن سەكرەپ چىقىپ كاللا توپ كىرگۈزگەن. نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپتۇ، مەن ھازىرمۇ شۇ مىنۇتلاردىن ئىنتايىن ئىپتىخارلىنىمەن.

    ـــــ كوماندىنى ئاۋارە قىلىۋاتقان باج ھەققىدىكى خەۋەرلەر توغرىسىدا:

    بۇ ناھايىتى نازۇك بىر تېما، مەن ئەدلىيەنىڭ ئادىللىقىغا ئىشىنىمەن، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقىي نەتىجىسى چىققىچە سەۋرىچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ خىل پاراڭلار ئادەمنى بىر ئاز بىئارام قىلىدۇ، ئەمما مەن بۇنى توپچىلارغا ۋە كوماندىغا تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىمايمەن.

    شەخسى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەن ھازىر ناھايىتى سوغۇققان، چۈنكى مېنىڭ ئېرىشكەن بارلىق تاپاۋەتلىرىم ئېنىق قىلىپ توختامغا يېزىلغان، بۇلاردىن قورقۇشۇم يوق، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرقىسمى بەلكىم راست بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىر قىسىمى ئېنىقلا پىتنە-پاسات. بۇلارنىڭ مەقسىتى ھازىرقى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولۇۋاتقان خانلىق مادىرىد كوماندىسىنى پاراكەندە قىلىپ بىزگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىش.

    ـــــ دۆلەت دېربىيسى:

    بۇ ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر نومۇر، بولۇپمۇ مۇنداق مۇھىم بىر رەقىبكە دۇچ كەلگەن چاغدا تېخىمۇ شۇنداق. مۇسابىقىدىن بۇرۇن بىزنىڭ نىشانىمىز ئۈچ نومۇرنى تولۇق ئېلىش ئىدى، ئەمما مۇسابىقىدە ھەرقانداق ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن. مېنىڭچە مۇشۇنداق بىر تەڭلىشىشكە دۇچ كەلگەندىن كېيىن، بىز ھازىرلا نىشانىمىز ئۈچ شاھلىق دەپ داۋراڭ سېلىپ يۈرمەيمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر بىر مەيداندا داۋاملىق تىرىشىمىز. مانا بۇ خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئىش قىلىش ئۇسلۇبى ھەم ئەنئەنىسى.

    ـــــ زىدانىنىڭ يېتەكلىشى:

    مەيلى توپچى بولسۇن ۋە ياكى مەشقاۋۇل بولسۇن، زىدانى سېھرىي كۈچكە تولغان، ھەمدە بۇ خىل سېھرى كۈچنى بىزگە يەتكۈزدى. زىدانى كوماندىنى يېتەكلەش جەريانىدا بىزگە نۇرغۇن ئاكتىپ ئامىللارنى ئېلىپ كەلدى، بىزگە نۇرغۇن ياردەم قىلدى. بۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئەھۋاللار بىلەن ئوخشىمايدۇ. بىز مۇشۇنداق بىر يولباشچىمىز بولغانلىقىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمىز، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشنى خالايمىز.

    ـــــ بېنزېمانىڭ ئىپادىسى:

    مەن ھەر ۋاقىت بېنزېمانى ھىمايە قىلىمەن، ئۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر توپچى. دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، توپچىلارمۇ شۇ. ھەرقانداق توپچىنىڭ ئىپادىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولىدىغان مەزگىلى بولىدۇ. ئەمما كوماندىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز، ئۇ ھامان ئۆزىنىڭ توپ كىرگۈزەلمەسلىك ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىدۇ.

    ـــــ كىرىستىيانو رونالدو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشەمدۇ؟

    ئۆتكەن بىر يىلدا كىرىستىيانو رونالدو نۇرغۇن شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، مېنىڭچە ئۇ ئېنىقلا بۇ قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ ياۋروپا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى. ئالتۇن توپ مۇكاپاتى كىرىستىيانو رونالدودىن باشقا ئادەمگە مەنسۇپ بولمايدۇ. بىز كوماندىدا مۇشۇنداق بىر توپچى بولغانلىقىدىن ناھايىتى ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمىز. ئۇ ھەردائىم ھالقىلىق ۋاقىتلاردا توپ كىرگۈزىدۇ، رونالدو كوماندىنىڭ ياخشى يېتەكچىسى، ئۇ سەپداشلىرىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. كىرىستىيانو رونالدو خانلىق مادىرىد كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم توپچىلارنىڭ بىرى، ئەگەر كەلگۈسىدە بىرەر توپچى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتمەكچى بولسا چوقۇم ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

    ـــــ دۆلەت دېربىيسىدىكى رېپىرنىڭ ھۆكۈمى:

    سىز مۇسابىقىدىكى قايتا كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايقايسىز، ئەمما بۇلار مۇسابىقە نەتىجىسىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇڭا مەن بۇنداق ئەھمىيەتسىز تېمىلارغا قارىتا جاۋاب بېرىشنى خالىمايمەن.

    ـــــ دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقە تەرتىپى:

    ئىككى يىل ئالدىدا كوماندىمىز دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە سەپتىن چۈشۈپ قالغان. كوماندىمىزدىكى توپچىلارنىڭ ھازىرقى بەدەن قۇۋۋىتى ناھايىتى ياخشى، ئىككى يىل ئاۋۋالقى ئىش بىزنى زور بەدەل تۆلەتكۈزدى. ھازىر كۆپچىلىكنىڭ شۇ مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىپ ھەرۋاقىت ھوشيار تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ـــــ نېمىشقا دائىم مۇسابىقە تۈگەي دەپ قالغاندا توپ كىرگۈزىسىز؟

    مەنمۇ نېمىشقا دائىم شۇنداق بولۇپ قالىدىغىنىنى بىلمەيمەن. مېنىڭچە بۇنى تەلەي دېگەندىن كۆرە تېخىمۇ كۆپرەكى تىرىشچانلىق، ۋاز كەچمەسلىك دېسەك توغرا بولىدۇ. تەلەي ئەلۋەتتە مۇھىم، خۇددى كوماندىنىڭ سابىق كاپىتانى راھۇل دېگەندەك، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش پۈشتىكى چېلىنىشتىن بۇرۇن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىك كېرەك، چۈنكى ھەر قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار.

    ـــــ دۆلەت دېربىيسدا توپ كىرگۈزگەندىن كېيىنكى تەبرىكلەش ھەرىكىتى؟

    مەن ئۇنى ئوغلۇمغا ئاتاپ تەبرىكلىدىم. مەن ئۇنىڭغا ئەگەر مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزسەم شۇنداق تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئىشلەيمەن دېگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن يارىلانغان ۋاقتىمدا مەن ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئەسلىمگە كەلدىم. بىر توپ كىرگۈزۈپ كوماندىغا قايتىپ كېلىش ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى. مەن بۇ سۈرەتنى ئىزچىل ئۆيۈمدە ساقلايمەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى