• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مەركەزنىڭ ئون مۇھىم تەدبىرى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىدىغان بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:48 07-12-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ئون مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى.
    ●ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.
    ●مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغدايدىغان قانۇن – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
    ●تارىختىن بۇيانقى مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
    ●دېلوغا چېتىشلىق مال – مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنىي تەرتىپنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
    ●مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئىقتىسادىي ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى سىياسەتلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوللىنىش كېرەك.
    ●ھۆكۈمەت لەۋزىدە تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
    ●مال – مۈلۈكنى ئېلىش ۋە ئېلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
    ●بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.
    ●شەھەر ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مال – مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
    ●پۈتۈن جەمئىيەت مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.
    مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 27 – قېتىملىق يىغىنىدا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش توغرىسىدىكى پىكىرى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ‹‹پىكىر››دە ھەر خىل قانۇنلۇق مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداش، ئومۇميۈزلۈك قوغداش ۋە قانۇن بويىچە قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم قارار ئېلان قىلىندى ھەم ئون كونكرېت ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
    ‹‹قانۇنچىلىق گېزىتى››نىڭ مۇخبىرى ‹‹پىكىر›› توغرىسىدا ‹‹مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەتقىقات›› تېما گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
    مۇخبىر: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولدى. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەزمۇن قىلىنغان قانداق قانۇنلار بار؟
    ۋاڭ لى: ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، ئىسلاھاتنىڭ ئۆزىلا ‹‹قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش›› ۋە ‹‹ھوقۇقنى قوغداش›› جەريانى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانى بولغان.
    2002 – يىلى 11 – ئايدا پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغداشقا ئائىت قانۇن – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
    2004 – يىلى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە ‹‹پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق خۇسۇسىي مال – مۈلكى چېقىلىشقا ئۇچرىمايدۇ. دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ›› دەپ جاكارلانغان.
    2007 – يىلى 3 – ئايدا 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە قانۇنى›› ماقۇللىنىپ، ئومۇمنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى بېكىتىلدى. نەرسە ھوقۇقى قانۇنىدا نەرسە ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداش پىرىنسىپى بېكىتىلدى، بۇ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەرەققىياتىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە.
    30 نەچچە يىلدىن بۇيان جىنايى ئىشلار قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنى، مەمۇرىي قانۇن، شىركەت قانۇنى، شېرىكلىشىش قانۇنى، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى، كىمئارتۇق سودىسى قانۇنى، كېپىللىك قانۇنى، تالون باشقۇرۇش قانۇنى، سۇغۇرتا قانۇنى ۋە كېسىم قانۇنى قاتارلىق ھەق تەلەپ ۋە سودا قانۇنلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئادىللىق، لىللالىق، ئاشكارىلىق ۋە ئۈنۈمدارلىق پىرىنسىپىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالار بىلەن قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداشنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.
    مۇخبىر: قانۇنلار شۇنچە مۇكەممەل تۇرۇقلۇق، مەركەز يەنە نېمە ئۈچۈن ئايرىم ‹‹مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش›› توغرىسىدا ‹‹پىكىر›› ئېلان قىلىدۇ؟
    ۋاڭ لى: بىز ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن، ھەق – تەلەپ قانۇنى، شىركەت قانۇنى، توختام قانۇنى، مەمۇرىي قانۇن ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنى قاتارلىق قانۇن – نىزاملارنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن، جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە ھەق – تەلەپ قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردا مۈلۈك ھوقۇقى باراۋەرلىكىنىڭ قانۇنىي ئورنىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى بايقىدۇق. بۇ قانۇنلاردا مۈلۈك ھوقۇقى باراۋەر قوغدىلىنمايدىغان مەنە ئازدۇر – كۆپتۇر ئىپادىلىنىپ، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئىگىدارى ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتىلگەن.
    ئالايلۇق، ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگلىكىنى قوغداش ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى قوغداشتىن روشەن ئۈستۈن تۇرغان. ئاساسىي قانۇننىڭ 12 – ماددىسىدا ‹‹سوتسىيالىستىك جامائەت مۈلكى مۇقەددەس، چېقىلىشقا ئۇچرىمايدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن، 13 – ماددىسىدا ‹‹پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق خۇسۇسىي مال – مۈلكى چېقىلىشقا ئۇچرىمايدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ باياندا بەزى پەرقلەر ساقلانغان.
    مۇخبىر: سىز ئالدىدا نەرسە ھوقۇقى قانۇنىدا ئومۇمنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېيتتىڭىز. يەنە تولۇقلايدىغان قانداق مەزمۇن بار؟
    ۋاڭ لى: نەرسە ھوقۇقى قانۇنىدا باراۋەر قوغداش پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە جامائەت مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئاساسىي پىرىنسىپى بېكىتىلدى، يەنى خۇسۇسىي مەنپەئەت جامائەت مەنپەئىتىگە ئورۇن بېرىشى كېرەك. لېكىن جامائەت مەنپەئىتى دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ چەك – چېگراسىنى قانداق ئايرىش كېرەك؟ جامائەت مەنپەئىتىنى قانداق تەرتىپ ئارقىلىق ئالدىن قوغدىغىلى بولىدۇ؟ جامائەت مەنپەئىتىگە ئورۇن بەرگەن خۇسۇسىي مەنپەئەتكە قانداق ئادىل ھەم لىللا تولۇقلىما بېرىش كېرەك؟ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بولمىغاچقا، بەزى مەمۇرىي سۇبيېكتىلار ‹‹جامائەت مەنپەئىتى››نى سۇيىئىستېمال قىلىپ، خۇسۇسىي مەنپەئەتكە تەۋە نەرسىلەرنى ئېلىۋالغان ۋە ئېلىپ ئىشلەتكەن.
    ئېلىمىزنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنىدىكى يەنە بىر نۇقتا مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداشقىمۇ تەسىر يەتكۈزدى. نەرسە ھوقۇقى قانۇنىدا دۆلەتنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئوبيېكتىلارغا بەك كەڭچىلىك قىلىنغان، تىپلىرى ئېنىق ئايرىلمىغان. نەرسە ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 46 – دىن 52 – گىچە بولغان ماددىلىرىدا تۆۋەندىكى نەرسىلەرنىڭ ھوقۇقى دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن: قېزىلما بايلىقلار، سۇ ئېقىمى، دېڭىز تەۋەسى؛ شەھەرلەردىكى يەرلەر؛ دۆلەت ئىلكىدىكى يېزا ۋە شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدىكى يەرلەر؛ ئورمان، تاغ، يايلاق، قاقاس يەر ۋە ساھىل قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار؛ قانۇندا دۆلەت ئىلكىدە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن بارلىق ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر بايلىقى؛ رادىيو سپېكترلىرى بايلىقى؛ قانۇندا دۆلەت ئىلكىدە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى؛ دۆلەت مۇداپىئەسى بايلىقى؛ تۆمۈريول، تاشيول، ئېلېكتىر ۋە تېلېگراف ئەسلىھەلىرى، نېفىت – گاز تۇرۇبىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر.
    مۇخبىر: ‹‹پىكىر››دە مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداشقا ئائىت قانۇن – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى تۈزۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەرسە ھوقۇقى، توختام ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىل بولمىغان قانۇن – نىزام ۋە ماددىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باراۋەر قوغداشنى مال – مۈلۈك مۇناسىۋىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. سىلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاساسلىقى قانداق قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردىڭلار؟
    ۋاڭ لى: مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، ئىشنى قانۇننى ئىلمىي چىقىرىشتىن باشلاش كېرەك. بىز تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشقا ئائىت بىر نەچچە تەكلىپ بەردۇق، جۈملىدىن، بىرىنچى، ئاساسىي قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بايانغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئومۇمنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال – مۈلكى ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداش كېرەك؛ ئىككىنچى، كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىنى تۈزۈپ، يېزا كوللېكتىپى مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن چىقىرىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلىمىدا بېكىتىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، نەرسە ھوقۇقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، كوللېكتىپنىڭ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ نەرسە ھوقۇقى ئورنىنى بېكىتىش كېرەك؛ تۆتىنچى، جامائەت ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش قانۇنى تۈزۈپ، مەبلەغ سېلىش سودىسىنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بەشىنچى، ئۆي – زېمىنغا ئائىت قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئۆي – زېمىن ھاۋالە مەبلەغ فوندى قانۇنى تۈزۈش كېرەك؛ ئالتىنچى، شىركەت قانۇنىنىڭ 75 – ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قارشى پىكىردىكى پايچىكلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك؛ يەتتىنچى، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ سەككىزىنچى، ئابستراكىت مەمۇرىي ھەرىكەتلەرنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك(2014 – يىلى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا بۇ ھەقتە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى)؛ توققۇزىنچى، جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسىنى باراۋەر قوغداش مەقسەت قىلىنغان جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
    مۇخبىر: ئەڭ ئاخىرقى ماددا ‹‹پىكىر››دە قوبۇل قىلىنىپتۇ. ‹‹پىكىر››دە ‹‹ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان مال – مۈلۈكنى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە قوغداش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك››، دەپ تەكىتلەنگەن. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
    ۋاڭ لى: قانۇن يۈرگۈزۈش يولى ئارقىلىق قوغداش ئەڭ قاتتىق ۋە ئاساسلىق قانۇنىي كاپالەت. مۈلۈك ھوقۇقى ۋە مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسىگە بولغان ئەڭ ئېغىر قانۇنىي جاۋابكارلىق جىنايى جاۋابكارلىق بولىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان جىنايى ئىشلار قانۇنىدا يېتەكچى ئىدىيە جەھەتتە يەنىلا دۆلەت مۈلكى ۋە ئومۇمنىڭ مال – مۈلكىنى قوغداش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان بولۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش سۇبيېكتى ۋە جىنايەتنى بېكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇمنىڭ مال – مۈلكىنى قوغداش خاھىشى كۈچلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
    ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان جىنايى ئىشلار قانۇنىدا دېيىلگەن ‹‹ئومۇمنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال – مۈلكى›› نەرسە ھوقۇقى قانۇنىدا دېيىلگەن دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ نەرسە ھوقۇقى تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ، دېگەن بىلەن مەنىسى ئوخشىمايدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى شىركەت ۋە كارخانىلارغا زىيان يەتكۈزگەن نۇرغۇن قىلمىش سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايەت دەپ قارىلىپ جازالاندى، لېكىن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىگە زىيان يەتكۈزگەن قىلمىش جىنايەت، دەپ قارالماي جازالانمىدى. مەسىلەن: قانۇنسىز ئوخشاش تىجارەت قىلىش جىنايىتى ۋە ئۆز يېقىنىنى قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ سۇبيېكتىلىرى دۆلەت شىركىتى ۋە كارخانىلىرىنىڭ خادىملىرى، ئۇلارنىڭ قوغدايدىغان ئوبيېكتىلىرىمۇ دۆلەت مۈلكى ياكى دۆلەت شىركىتى ۋە كارخانىلىرى، كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتى بولۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىساد گەۋدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىساد گەۋدىسىگە قارىتىلغان ئوخشاش زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى جىنايەت بولۇپ شەكىللەنمەيدۇ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق بولمايدۇ. بۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگلىكى بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە قوغداشتىكى تەڭسىز ئورنىنى گەۋدىلىك نامايان قىلىپ بەردى.
    ‹‹پىكىر››دە ‹‹ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان مال – مۈلۈكنى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە قوغداش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك››، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇنىڭدا ‹‹پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئىگىدارلىقىدىكى بارلىق مال – مۈلكىنى قوغداش››تىن ئىبارەت جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ بۇ ۋەزىپىسى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ھەر خىل مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداشنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگلىكى بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە يول كۆرسىتىش، ياردەم بېرىش، تۈرتكە بولۇش ۋە ئۇنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى