• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئەھۋالى ناچارلاشقان 18 دۆلەت(1)

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:10 07-12-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى خەۋىرى: «ئەھۋالى ناچارلىشىش كۆرسەتكۈچى» بىر دۆلەتتىكى ئىشسىزلىق ۋە پۇل پاخاللقى نىسبىتىنى ئونىۋېرسال ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. ھازىر دۇنيادا 18 دۆلەتنىڭ «ئەھۋالى ناچارلىشىش كۆرسەتكۈچى» دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىۋاتىدۇ. خىزمىتىڭىز بولمىسا، مال باھاسى ئۈزلىكسىز ئۆرلىسە، تۇرمۇش ئەلۋەتتە ناچا بۇلىدۇ. ئىقتىسادشۇناس ئارتور ئوكون ئىشسىزلىق ۋە پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى بىرلەشتۈرۈپ « ئەھۋالى ناچارلىشىش كۆرسەتكۈچى» نى ئۇتتۇرغا قويغان، بۇ يەنە ئىقتىساد تەڭپۇقسىزلىق كۆرسەتكۈچ يۇقىرىلىغانسىرى، شۇ دۆلەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى شۇنچە ناچارلىشىپ كېتىدۇ. بۇ خىل كۆرسەتكۈچ توغرىسىدا يەنىلە تالاش–تارتىش مەۋجۇت.
    كۆپىنچە مۇتەخەسىسىسىىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل كۆرسەتكۈچنى پۇل پاىاللىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىشسىزلىق نىسىبىتىنىڭ كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىغا بېرىلدىغان سەلبىي تەسىرى يۇقىرى بۇلىدىكەن. ئەگەر مەلۇم بىر دۆلەتتىكى ئىشسىزلىق نىسىبىتى بىلەن پۇل پاخاللىقى سەۋىيىسى ئىزچىل يۇقىرى بولسا، كىشلەرنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل ناچار بولىدىكەن.

    ۋېنېزۇئېلا

    ئەھۋالى ناچارلىشىش كۆرسەتكۈچى:%70، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى%62.2، ئىشسىزلىق نىسبىتى%7.8.
    كانادا پادىشاھلىق بانكىسى كاپىتال بازىرى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقرىدىغان تاۋارلار ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەسئولى ھېلما كروفىت ئىلگىرى مۇنداق دېگە نىدى: ۋېنېزۇئېلانىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتىدۇ. 2014–يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ماي باھاسىنىڭ چۈشۈشى ۋە ئىقتىسادىي چېكىنىشنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولغان، پۇل پاخاللىق نىسبىتىمۇ خۇددى يۈگەنسىز ياۋا ئاتتەك تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەن.
    سۇرىيە

    ئەھۋالى ناچارلىشىش كۆرسەتكۈچى:%67.8، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى%34.8 ، ئىشسىزلىق نىسبىتى%33.
    سۇرىيە ئىقتىسادىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىشى، خەلقئارا جازا، دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسىي ئەسلىھەلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى قاتارلقلار سەۋەبىدىن، ئىستېمالچىلارنىڭ سانى ۋە ئىشلەپچىقىرىش نېسبىتى بارغانچە تۆۋەنلىگەن، بۇ ئەھۋاللار ھازىر تېخىمۇ ئىغىرلاشقان. بۈگۈنكى كۈندە نەچچە مىليون سۈرىيەلىك مۇساپىر يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرگەردان بۇلۇپ يۈرىدۇ.
    جىبۇتى

    ئەھۋالى ناچارلىشىش كۆرسەتكۈچى:%62.9، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى%2.9 ، ئىشسىزلىق نىسبىتى%60 .
    جىبۇتى كىرىم-چىقىمنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمىئىيەتكە بەكلا تايىنىۋالغان.
    ئىشسىزلىق نىسىبىتى %60 كە يەتكەن بولسىمۇ، لىكىن جىبۇتىدا بۇ چوڭ مەسلە
    ھېسابلانمايدىكەن، بۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى جىبۇتى فىرانىكنىڭ پېرېۋوت نىسىبىتى ئامېرىكا دوللىرىغا بىۋاستە باغلاپ قويغاچقا، پېرېۋوت نىسىبىتى تۇراقسىز بۇلىدىكەن. جىبۇتى فىرانىكنىڭ پېرېۋوت نىسىبىتى ۋېنېزۇئېلا كىرىم-چىقىمىنىڭ تۇراقلىقنى بۇزۇۋەتكەن.

    ئارگېنتىنا

    ئەھۋالى ناچارلىشىش كۆرسەتكۈچى:%44.1، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى%36.4 ، ئىشسىزلىق نىسبىتى%7.7.
    ئارگېنتىنانىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى ئىزچىل ئۆرلەپ، دۆلەتنىڭ ئىقتسادى بىر ئىزدا توختاپ قالغاچقا، پۇل پاخاللىقى ئېغىرلاشتى، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، زۇراۋانلىق قىلمىشلىرى كۆپ يۈز بەردى.
    يەمەن

    ئەھۋالى ناچارلىشىش كۆرسەتكۈچى:%35.2، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى%8.2، ئىشسىزلىق نىسبىتى%27.
    ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىۇ دۇنيانىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالى مەلوماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،كىرىمى تۆۋەن دۆلەت– يەمەن نېفىت بايلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىۋالغان بولغاچقا، نېفىت بايلىقى بارغانسىرى ئازايغان بۈگۈنكى كۈندە ئىشسىزلىق نىسىبىتى ئېشىپ، سۇ ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسلىسى بۇ دۆلەتنىڭ بېشىنى قاتۇرغان، مانا ئەمدى ‹ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك› دېگەندەك، ئىچىكى ئۇرۇش بۇ دۆلەتنىڭ ھالىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.
    لېسوتو پادىشاھلىقى

    ئەھۋالى ناچارلىشىش كۆرسەتكۈچى:%32، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى%3.9، ئىشسىزلىق نىسبىتى%28.1.
    لېسوتو جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن، لېكىن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى ئاساسلىقى توقۇمچىلىق سانائىتى، يېزا ئىگىلىك، شۇنىڭدەك چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلارنىڭ پىرېۋوتىغا تاينىدۇ. يېقىندىن بۇيان، بۇ دۆلەتتە ئالماس قېزىش قىزغىنلىقى ئەۋج ئالغان. مۆلچەرلىنىشىچە، 2015 –يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئالماس كەسپى بۇ دۆلەتنىڭ GDPسىغا %8.5 تۆھپە قوشقان.
    جەنوبىي ئافرىقا

    ئەھۋالى ناچارلىشىش كۆرسەتكۈچى:%31.1، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى%6.1، ئىشسىزلىق نىسبىتى
    %25.
    جەنوبىي ئافرىقا گۈللىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ سودا بازارلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا كېسەل ئالتۇن دۆلەتلىرى (BPICS )نىڭ بىرى، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بويان جەنوبىي ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، نامراتلىق ۋە باراۋەرسىزلىك جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسلىگە ئايلانغان.
    ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى

    ئەھۋالى ناچارلىشىش كۆرسەتكۈچى:%27.9، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى%0.1–، ئىشسىزلىق نىسبىتى%28.
    ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھەر تەرەپتىن ئىزچىل ئالغا باسقان، لېكىن بالقان يېرىم ئارىلىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ماكېدونىيە تېخى ئۆزىگە ئۇخشاش دۆلەتلەردەك خەلقئارالىق مەبلەغنى جەلىپ قىلالمىغان، چىرىكلىك مەسلىسى بىلەن قانۇن–تۈزۈمنىڭ ئاجىز بۇلۇشى بۇ دۆلەتنى ھېلھەم قىيناۋاتىدۇ.

    سېبىرىيە

    ئەھۋالى ناچارلىشىش كۆرسەتكۈچى:%27.8، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى%1.7، ئىشسىزلىق نىسبىتى%26.1.
    سېبىرىيە تۈرلۈك ئىقتىسادىي مەسلىسىگە دۇچ كەلدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېھتىياجلىق، لېكىن ھۆكۈمەت چىقىمى يۇقىرى (ئىش ھەققى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى )؛ جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ تاشقى قەرزى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ كەتكەچكە، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل مەبلىغىگە ئېھتىياجلىق، سېبىرىيەدىكى ئېغىر چىرىكلىك ۋە ئاھالىنىڭ قېرىلىشىش مەسلىسىنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يولى قاتمۇ قات قىيىنچىلققا دۇچ كەلدى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • ئەھۋالى ناچارلاشقان 18 دۆلەت(1)
    • ئەھۋالى ناچارلاشقان 18 دۆلەت(1)
    • بۇ خىل كۆرسەتكۈچنى پۇل پاىاللىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىشسىزلىق نىسىبىتىنىڭ كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىغا بېرىلدىغان سەلبىي تەسىرى ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى