• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئارسېنال 4–1 لىك نەتىجە بىلەن بارسېلنى مەغلۇب قىلدى

    مەنبە : sports.sina.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 13:05 07-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى. بېيجىڭ ۋاقتى 12–ئاينىڭ 7–كۈنى سائەت 03:45 (شۋېيتسارىيە ۋاقتى 6–چىسلا 20:45)، 2016/17–يىللىق ياۋرۇپا ئۇزغۇنلىقى مۇسابىقىسى A گۇرپپا مۇسابىقىسى ئوينالدى، ئارسېنال كوماندىسى مىھمان مەيدان 4–1 لىك نەتىجە بىلەن بارسېل كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى، 17 مىليون فوندستېرلىڭ ماھىر لۇكاس ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ قالپاك كىيدى.

    مۇسابىقە باشلىنىپ 8 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، سانچېز چەكلەنگەن رايونغا پاس تاشلىدى، گىببس پاسنى ئوڭ تەرەپكە بۆلۈپ بەردى، لۇكاس پىرېس مۇسابىقىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزۈپ ئارسېنال كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقىنىڭ 10-مىنۇتىدا، بارسېل كوماندىسىدىن دېلگادو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ۋاراتارغا كاللا توپ ئۈستى، لېكىن بۇ توپنى ئارسېنال ۋاراتارسى ئوسپىنا توسۇپ چىقاردى، ۋاراتار توسۇپ چىقىرۋەتكەن توپنى ئىستېففېن ئۇرۇپ كىرگۈزدى، بىراق رېپىر توپنى ئوفسايىت (ئورۇن ھالقىغان) دەپ قاراپ ئىناۋەتسىز قىلىۋەتتى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 15-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ئۆزىل ئوتتۇرا يولدىن پاس چىقاردى، گىببس پاس بۆلۈپ بەردى، لۇكاس پىرېس مۇسابىقىدىكى 2-توپىنى كىرگۈزۈپ، ئارسېنال كوماندىسى 2-0 نەتىجە بىلەن نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. مۇسابىقىنىڭ 18-مىنۇتىدا، بارسېل كوماندىسىدىن تىرائورى تەپكەن توپ ئازراق قېيىپ كەتتى. مۇسابىقنىڭ 40-مىنۇتىدا ئىستېففېن تەپكەن توپنى ۋراتار توسۇۋالدى.

    كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 46-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا گىببس پاس تاشلىدى، سانچېز توپنى ياخشى توختىتالمىدى، بىراق چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرگەن لۇكاس پىرېس توپنى ئېلىپ ۋاراتارنىڭ ئوڭ بۈرجىكىگە ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ «قالپاق ئويۇنى»نى تاماملىدى، ئارسېنال كوماندىسى 3-0 نەتىجە بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقىنىڭ 54-مىنۇتىدا ئۆزىل پاس چىقاردى، ئىۋوبى بىر توپ كىرگۈزۈپ ئارسېنال كوماندىسى 4-0 نەتىجە بىلەن غەلبىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىدى. مۇسابىقىنىڭ 66-مىنۇتىدا، سانچېز 24 مېتىر يىراقلىقتىن ئىختىيارىي توپنى لىففىت شەكلىدە تەپكەن بولسىمۇ، توپ ۋاراتار تۈۋرۈكىگە تېگىپ چىقىپ كەتتى. مۇسابىقنىڭ 77-مىنۇتىدا، بارسېل كوماندىسىدىن دۇمبىيا بىر توپ قايتۇرۇۋالدى.

    كېيىن ھەر ئىككىلا تەرەپ كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرمەي، ئارسېنال كوماندىسى مېھمان مەيدانىدا 4-1 نەتىجە بىلەن بارسېل كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى