• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئورگان تورى: خانلىق مادرد بايانات ئېلان قىلىپ رونالدونىڭ پاكلىكىنى ھىمايە قىلدى

    مەنبە : dongqiudi.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:42 07-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دوڭچۇدى تورى خەۋىرى. خانلىق مادىرىد كۇلۇبى ئورگان تورىدا كىرىستىيانو رونالدونى زور كۈچ بىلەن ھىمايە قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ خانلىق مادىرىد كوماندىسىدا توپ تەپكەن مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ شەخسىي كىرىمىنى يوشۇرمىغانلىقى ۋە باجدىن قېچىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

    يېقىندىن بېرى تاراتقۇلار كىرىستىيانو رونالدونىڭ شەخسىي كىرىم بېجىنى تاپشۇرۇش جەھەتتە مەسىلە بارلىقى، ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى ئارقىلىق باج تاپشۇرۇش سىستېمىسىنىڭ يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ زور سوممىلىق باج تاپشۇرۇشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئەگەر بۇلار راست بولۇپ، جىنايىتى بېكىتىلىپ قالسا، كىرىستىيانو رونالدو نەچچە يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

    ئەمما خانلىق مادىرىد ئورگان تورى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ زور كۈچ بىلەن كىرىستىيانو رونالدونى قوللايدىغانلىقى ھەمدە كىرىستىيانو رونالدونىڭ خانلىق مادىرىد كوماندىسىدا توپ تەپكەن مەزگىلىدە بۇنداق ئىشلارنىڭ قەتئىي يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

    باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم تاراتقۇلار رونالدونىڭ باجدىن قېچىش مەسىلىسى بار دەپ داۋراڭ سېلىۋاتىدۇ، ئىسپانىيە باج تارماقلىرىنىڭ تەمىنلەپ بەرگەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرى شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، بىزنىڭ توپچىمىز كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ بارلىق باج تاپشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم خەۋەرلەرگە قارىتا، خانلىق مادىرىد كۇلۇبى كىرىستىيانو رونالدوغا يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىمىز ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەيمىز. چۈنكى ئۇنىڭ خانلىق مادىرىد كوماندىسىدا توپ تەپكەن مەزگىلىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەممىگە ئۈلگە بولالايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى