• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كاستېرو جەمەتىنىڭ سىرى ئەمدى ئېچىلىشقا باشلىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:33 07-12-2016
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    كۇبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ۋاپات فېدىل كاستېرو ۋاپات بولغاندىن كىېيىن، كىشىلەر ئۇنىڭ جەمەتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. فېدىل بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى شەخسىي تۇرمۇشى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر ئاشكارلىمىغانىدى ھەمدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ تەشۋىق قىلىشىنى خالىمايتتى. شۇڭا ئۇنىڭ نۇرغۇن پەرزەنتلىرىنىڭ سالاھىيىتى كۇبا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا نەچچە ئون يىل پېچەتلەنگەنىدى. كۇبالىقلارغا نىسبەتەن كاستېرونىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئانچە-مۇنچە نامى بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ خوتۇنى دالىيە ۋە باشقا پەرزەنتلىرىنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرى يوق ئىدى.رائۇلنىڭ بالىلىرى جەمەتىنىڭ سىياسىي گېنىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت بالىسىنىڭ ئۈچى ھوقۇق سىستېمىسىغا ئوڭۇشلۇق كىرگەن. تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كاستېرو جەمەتىدىكىلەر ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن ئەمەسكەن. رائول كاستېرو جەمەتىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئاساسلىق شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاكىسىنىڭ سىياسىي مىراسىنى قوغداشتىن باشقا، يەنە جەمەتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە مەسئۇل بولغان. فېدېلنىڭ تۇنجى خوتۇنى مىرتادىن بولغان چوڭ ئوغلى فېدېلتو دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشىغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنى كىچىك فېدېل دەپ ئاتاشقان، مىرتا فېدېل بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن، ئىسپانىيەگە كېتىپ، فېدېلنىڭ سىياسىي دۈشمىنى بىلەن توي قىلغان. كېيىن ئۇزاققىچە ئىسپانىيەدە ياشىغان. فېدېلتونى فېدېل ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلغان ھەمدە كۇبا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇتقان.فېدېلتو سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كۇباغا قايتقاندىن كېيىن، 1980-يىلىدىن باشلاپ كۇبا ئاتوم ئېنېرگىيەسى كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1992-يىلى بۇ كومىتېتنى ياخشى باشقۇرالمىغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان. 2000-يىلىدىن كېيىن، فېدېلتو كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بولغان. فېدېلتونىڭ قالغان بەش قېرىندىشىمۇ ئوخشاشلا سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشمىغان. ئۇلار فېدېلنىڭ ھازىرقى ئايالى دالىيەدىن تۇغۇلغان. بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ئىسمى «A» ھەرپى بىلەن باشلانغان، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، فېدېل گىرېتسىيە ئىستېلاچىسى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە ئىنتايىن قايىل ئىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە،بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، دالىيە ۋە ئۇنىڭ بەش ئوغلىنىڭ سالاھىيىتى 1992-يىلىغىچە سىرتقا ئاشكارىلانمىغان. بەش ئوغۇلنىڭ ھەممىسى فېدېلنى پىروفېسسور دەپ ئاتىغان، فېدېل كاستېرونىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. چۈنكى ئۇ نەچچە يۈز قېتىم قەستكە ئۇچرىغانىكەن .ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، جەمەتىنىڭ «سىياسىي گېنى» غا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلغىنى رائول ئائىلىسى ئىكەن. رائولنىڭ ئۈچ قىزى، بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئالېھاندرو كۇبانىڭ ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت سىياسىتىدىكى مۇھىم شەخس ھېسابلىنىدىكەن. ئالېھاندرو ئىلگىرى كۇبا ئالاھىدە ئەۋەتكەن قىسىمنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ئانگۇلادىكى ئىچكى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، بىر كۆزىدىن ئارىلغان. ئۇ ھازىر كۇبا خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى. ئۇندىن باشقا ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلماقتا. رائول كۇباغا رەھبەر بولغاندىن كېيىن، ئالېھاندرو نۇرغۇن سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەمدە چەتئەللەرنى زىيارەت قىلغان. غەرب ئەللىرىدىكى قىسمەن تاراتقۇلار ئۇنى رائۇلنىڭ ئىزىنى بېسىپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىماقتا. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كاستېرو جەمەتىدىنمۇ خائىن چىققان. ئۇ دەل فېدېلنىڭ قىزى ئالىنا. 1993-يىلى ئالىنا ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىسپانىيەگە كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، كۇباغا قايتىپ باقمىغان. كېيىن ئۇ يەنە ئامېرىكىغا كېلىپ، مىئامىدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا رىياسەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئالىنا ئامېرىكىدىكى تاراتقۇلاردا دادىسىنى قاتتىق سۆككەندىن باشقا، يەنە كاستېرونىڭ قىزى- «بىر قاچقۇننىڭ ھېكايىتى» ناملىق كىتابىنى يازغان. ئالىنا دادىسىنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: ھېچ بولمىغاندا ھاياتىمنىڭ تۇنجى يىلى ئۇنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇۋالغانمەن. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوينىغان چاغلار ھېلىھەم ئېسىمدە ، كىچىكىمدە ئۇ ماڭا ئىللىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان، ئەمما مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزگىرىپ كەتتى.فېدېلنىڭ يەنە بىر سىڭلىسىنىڭ ئىسمى يۇھاننا. ئۇ 1964-يىلى ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن ھەمدە جەمەتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەن. ئۇ داۋاملىق كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى سۆكۈپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، فېدېل كاستېرونى تەختتىن چۈشۈرمەكچى بولغانلىقىنى پاش قىلغان. فېدېل ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ: «فېدېلنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشمايمەن» دېگەن.
    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى