• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    گىرمانىيە تەسلىم بولغاندا نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئەسكەرلەر بارئىدى؟

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:41 07-12-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى: گىرمانىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەتچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامالسىزلىقتىن ئۇرۇشتا يەڭگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ۋارشاۋا شەرتنامىسى»نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولىدۇ. شەرتنامىدە مۇنۇلار دېيىلگەن ئىدى: قۇرۇقلۇق ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، تانكا، راكىتا قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللار بولماسلىق، دېڭىز ئەسكەرلىرىنىڭ سۇ ئاستى كېمىسى بولماسلىق، ھاۋا ئارمىيە ئەسكىرى بولماسلىق. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ بەلگىلىمىلەر بىر دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يوقىتىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇشتا يەڭگەن دۆلەتلەرنىڭ مەقسىتى گىرمانىيەنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن باش كۆتۈرەلمەسلىكى ئىدى. ئەمما ئىشلار ئەنگلىيە، فىرانسىيە ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس بولۇپ، «ۋارشاۋا شەرتنامىسى»نى پەقەت 30 يىللىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دېيىشكە بولىدۇ.

    شەرتنامىنىڭ بېسىمى ۋە ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغاندىن كېيىنكى مۇئامىلىگە ئۇچرىغان گىرمانىيە ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئاستىرتتىن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتاتتى.
    كۆپ يىللىق تەرەققىياتتىن كېيىن گىرمانىيەنىڭ ھەربىي كۈچى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىن ئېشىپ چۈشۈپ، دۇنيادىكى ھەربىي كۈچى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.
    1937-يىلىغا كەلگەندە، گىرمانىيە قۇرۇقلۇق ئەسكەرلىرىنىڭ سانى بىر مىليون 600 مىڭغا يېتىدۇ.
    1940-يىلى فرانسىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن گىرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 3 مىليون 350 مىڭغا يېتىدۇ.
    1942-يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش پارتلاپ، گىرمانىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئەسكەرلەر ۋە ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 10 مىليون 200 مىڭغا يېتىدۇ. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بىر دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئەسكەر كۈچىنىڭ ياۋروپادىكى ئوتتۇرا سەۋىيەدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇس سانىغا يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    1945-يىلى گىرمانىيە تەسلىم بولغاندا، ئەسكەر كۈچى يەنىلا ئىككى مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىل قوراللانغان ھەربىي قىسىم ئىدى.

    ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە 500 مىڭ گىرمانىيە ئەسكىرنى ئەسىرگە ئالغان ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى مىليون 300 مىڭ گىرمانىيە ئەسكىرى ۋە باشقا دۆلەتتىن بىر مىليون ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالغان ، ئامېرىكا، كانادا بىرلەشمە ئارمىيىسى ئىككى مىليون ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالغان.


    بۇ غايەت زور سانلىق مەلۇماتلار گىرمانىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن ياۋروپا ۋە دۇنيا ئۇرۇش مەيدانىدا جەڭگىۋارلىق كۈچىنىڭ شۇ قەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنى بىلىشمىز كېرەككى، نەچچە يۈز تۈمەن كىشىلىك قوشۇنىنىڭ كەينىدە كۈچلۈك ئارقا سەپنىڭ قوللىشى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى بۇلۇشى كېرەك، مانا بۇ گېرمانىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا دۇنيا ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىدىكى كاپىتال، ئوخشاشلا باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈن ئىچىدە گېرمانىيە تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغانلىقنىڭ سەۋەبى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى