• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئامېرىكىدىكى 15 ياشلىق ئوغۇل زەھەر چېكىپ ساۋاقدىشىنىڭ كاللىسىنى ئېلىۋەتتى

    مەنبە : news.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:18 07-12-2016
    تەھرىر : سەلىمە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    تېڭشۈن تورى خەۋىرى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 12- ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكا ماسسا چۇسېتس ئىشتاتىدىكى، «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ كاللىسىنى ئېلىش» دېلوسىدىكى گۇماندارنى ساقچى تەرەپ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىغان. گۇماندارنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئىشتاتتىكى 15 ياشلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بورگېس (Mathew Borges) نەشە چەككەندىن كېيىن ساۋاقدىشىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ جەسىتىنى تاشلىۋەتكەن. شۇڭلاشقا بىرىنچى دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى سادىر قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن. ھازىر ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاماق قويۇلغان بولۇپ، كېپىللىككە قويۇپ بېرىلمىگەن.
    بورگېس قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر قاتارىدا سوراق قوبۇل قىلغاچقا، سوت مەھكىمىسى تەرەپ ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئاشكارىلىغان. ئارخىپتا كۆرسىتىلىشچە، سوت جەريانىدا بورگېس ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى بورگېسنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمىغان.
    شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ماسساچۇسېتس ئىشتاتى لاۋرېنس شەھىرىدىكى بىر ئايال Merrimack دەرياسىنىڭ بويىدا بىر جەسەتنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان. كېيىن ساقچى تەرەپ دەلىللەش ئارقىلىق بۇ جەسەتنىڭ ئىز دېرىكى بولمىغان 16 ياشلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پائۇلىنو (Lee Manuel Viloria-Paulino) ئىكەنلىكىنى بايقىغان. جەسەت ناھايىتى ئېچىنىشلىق ھالدا پارچىلىۋېتىلگەن بولۇپ، باش قىسمى بىلەن بەدىنى ئايرىۋېتىلگەن، ئىككى قولىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن ئىكەن.
    بورگېسنىڭ ساقچى تەرەپكە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى پائۇلىنو بىلەن بىرلىكتە نەشە چەككەندىن كېيىن تارقىلىپ ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە كەتكەن. لېكىن ساقچى تەرەپ ۋەقەنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بورگېسنىڭ ئىلگىرى بىر گۇۋاھچىغا: «مەن بىر يامان ئىش قىلدىم» دېگەنلىكىنى بايقىغان. بورگېس ئىلگىرى: «مەن بىر ساۋاقدىشىمغا پىچاق تىقىۋەتتىم. ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ ئېلىپ، تەلتۆكۈس ئۆلتۈرۈۋەتتىم» دېگەنىكەن. شۇڭلاشقا بورگېس 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن رەسمىي قولغا ئېلىنغان.
    شۇ جايدىكى تەپتىش ئەمەلدارى بىلودگېت (Jonathan Blodgett) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاتىلنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش مۇددىئاسى ۋاقتىنچە نامەلۇم بولۇپ، ساقچىلار ۋەقەنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. تەپتىش ئەمەلدارى يەنە مۇنداق دېگەن: ساقچى تەرەپ بورگېسنىڭ ئۆيىدىن قاتىللىققا مۇناسىۋەتلىك دەلىل ئىسپاتلارنى تاپتى.
    قاتىللىق گۇماندارى بورگېس بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پائۇلىنو ئوخشاشلا Lawrence High تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. بورگېس ھازىر ياش ئۆسمۈرلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇرۇۋاتىدۇ. كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كېيىنكى قېتىمقى سوتقا چىقىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى