• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    نوپۇزلۇق ژۇرنال رونالدونى 2016–يىلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر بولىدۇ دەپ باھالىدى

    مەنبە : sports.sina.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 12:39 07-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى. يېقىندا ئەنگلىيە «دۇنيا پۇتبولى» ژۇرنىلى 2016-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبول چولپىنىغا خانلىق مادىرىد كوماندىسى ھۇجۇمچىسى رونالدونىڭ تاللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

    بۇ ژۇرنالنىڭ بىلدۈرىشىچە، كىرسىتىيانو رونالدو ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى ۋە ياۋروپا لوڭقىسنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن «دۇنيا پۇتبولى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان ئىكەن. رونالدو ئىلگىرى 2008-يىلى 2013-يىلى ۋە 2014-يىلى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. رونالدو «دۇنيا پۇتبولى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2016-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولۇپ باھالىنىپ، مېسسى بىلەن تەڭ بۇ تۈردە بۇ مۇكاپاتقا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن پۇتبولچى بولۇپ قالدى.

    رونالدونىڭ ئېرىشكەن نومۇرى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ جەمئىي 842 نومۇرغا ئېرىشكەن. مېسسى 712 نومۇرغا ئېرىشىپ 2-ئورۇندا، مادىرىد ئاتلېتىكا ھۇجۇمچىسى گىرېزمان 559 نومۇرغا ئېرىشىپ 3-ئورۇندا تۇرغان.

    «دۇنيا پۇتبولى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر 10 پۇتبولچى قاتارىغا سۇئارېز، نېيمار، بېل، ماھرېز، لېۋاندوۋىسكى ۋە ۋاردىي قاتارلىق توپچىلار كىرگەن.

    تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، «دۇنيا پۇتبولى» ژۇرنىلىنىڭ باھالىشى «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنىڭ يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. 1997-يىلدىن باشلاپ 19 قېتىملىق باھالاشتا «دۇنيا پۇتبولى» ژۇرنىلىنىڭ باھالىشىدىكى نامزات پەقەت ئىككى قېتىملا «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىگىسى بىلەن ئوخشاش چىقمىغان. بۇ قېتىم رونالدونىڭ «دۇنيا پۇتبولى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالىنىشى، ئۇنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن 2016-يىللىق «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنى ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ئۆتۈپ كەتكەن 19 يىلدىن بۇيان 17 قېتىملىق «دۇنيا پۇتبولى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن باھالانغان يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى نامزاتى «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى بىلەن ئوخشاش چىققان. 1997، 2002-يىلى بودەك رونالدو، 1998-يىلى زىدانى، 1999-يىلى رىۋالدو، 2000-يىلى فىگو، 2001-يىلى ئوۋېن، 2003-يىلى نېدۋېد، 2005-يىلى رونالدىنھو، 2006-يىلى كاناۋرو، 2007-يىلى كاكا، 2008، 2013، 2014-يىللىرى كىرىستىيانو رونالدو، 2009، 2011، 2012، 2015-يىللىرى مېسسى.

    پەقەت 2004-يىلى «دۇنيا پۇتبولى» ژۇرنىلى يىللىق ئەڭ قالتىس توپچى مۇكاپاتىغا رونالدىنھونى باھالىغان، بىراق «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنى شېۋچىنكو ئالغان. 2010-يىلى «دۇنيا پۇتبولى» ژۇرنىلى يىللىق ئەڭ قالتىس توپچى مۇكاپاتىغا شاۋىنى باھالىغان، بىراق «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنى مېسسى ئالغان.

    «دۇنيا پۇتبولى» ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 2016-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالدىنقى 10نەپەر پۇتبولچى:

    1. كىرستىيانو رونالدو (842 نومۇر)

    2. مېسسى (712 نومۇر)

    3. گىرېزمان (559 نومۇر)

    4. سۇئارېز (498 نومۇر)

    5. بېل (497 نومۇر)

    6. نېيمار (405نومۇر)

    7. ماھرېز (134نومۇر)

    8. لېۋاندوۋىسكى (117 نومۇر)

    9. كانتې (93 نومۇر)

    10. ۋاردىي (87 نومۇر)


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى