• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ باھالىغۇچىسى : رونالدو ئالتون توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ بولدى، دېدى

    مەنبە : dongqiudi.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:33 07-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دوڭچۇدى تورى خەۋىرى. «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى، ئىسپانىيەلىك بىردىنبىر ئالتۇن توپ باھالىغۇچىسى فىرانسېسكونىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ داڭلىق چولپىنى كىرىستىيانو رونالدو كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن.

    فىرانسېسكونىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنى تارقىتىدىغان «فىرانسىيە پۇتبول ژۇرنىلى» ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ سىتاتىسىتكا نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان، ھەم رونالدونىڭ «ئالتۇن توپ» ساھىبى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن. مۇكاپاتتا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكۈچى مېسسى ئىكەن.

    بىراق ئۈچىنچىلىكنىڭ نامزاتى تېخى ئېنىق بولمىغان، FIFA يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى نامزاتىدا گىرېزماننىڭ ساداسى بىر قەدەر كۈچلۈك، بىراق فىرانسېسكو بۇنى ئاشكارىلاپ سۇئارېز بىلەن نېيمارنىڭ بېلەت نىسبىتى جەھەتتە ئەۋزەل ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

    فىرانسېسكونىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىرىستيانو رونالدو بىلەن خانلىق مادىرىد كوماندىسى تېخى ئالاھىدە تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزمىگەن. رونالدو مۇشۇ ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى فىرانىسيەگە بېرىپ كېلەر ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «فىرانسىيە پۇتبول ژۇرنىلى»نىڭ مۇقاۋا رەسىمىگە چۈشىدىكەن.

    فىرانسېسكو بولسا ئىسپانىيەلىك نوپۇزلۇق مۇخبىر، ھەم ئىسپانىيەلىك بىردىنبىر «ئالتۇن توپ» باھالىغۇچىسى. ئۇ بۇلتۇر خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمسى «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىدىكى 59 كىشىلىك نامزات تىزىملىكىنىڭ ھەممسىنى ئاشكارىلىغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى