• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىدىكىلەر ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى كۆرگىلى كەلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:23 07-12-2016
    تەھرىر : ئۆمەر ھامۇت
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، راھىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىدىكى رەھبىرى كادىرلار ۋە خىزمەتچى خادىملار، ئارلىقنى يىراق كۆرمەي، مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرى، قىزىل بازىرىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلىدى، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش پائالىيىتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

    تۇغقانلىرىنىڭ يوقلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان قىزىل بازىرى قارسا كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئەتىگەندىلا كەنت كومىتېتى ھويلىسىغا يىغىلىپ، تۇغقانلىرىنى ساقلىدى، تۇغقانلىرى بىلەن دىدارلىشىش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپچىلىك ئۆز ئاررا چۈشەنچە ھاسىل قىلدى، نىساخان تاۋار تۇققىنى بىلەن دىدارلىشىپ بەك ھاياجانلاندى، ئىككى قىزى ياتلىق بولۇپ كەتكەن نىساخان تاۋار ئۇزۇندىن بېرى كۈنلىرىنى يالغۇز ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ئوبىيكتى ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىنبو چىن سەمىمىيىتى، قىزغىنلىقى بىلەن نىساخان تاۋارنى تەسىرلەندۈردى. اڭ شىنبو ئۇنىڭ يېمەك- ئىچمەك، تۇرمۇش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئۆيىدە توڭلاتقۇنىڭ كەملىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئۇچرىشىش سوۋغىسى سۈپىتىدە بىر توڭلاتقۇ سوۋغا قىلدى. ھەمدە ئۇنىڭغا يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇدا ساقلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويدى، ئۇ بۇنىڭدىن چەكسىز مىننەتدار بولدى.

    نىساخان تاۋار مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە مەن بىر رەھبىرى كادىر بىلەن تۇغقان بولدۇم، بەك سۆيۈندۈم، ھازىر سىياسەت بەك ياخشى، بىزگە ئوخشاش ئاجىز ئامما ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن قىيىنچىلىق تارتمايمىز، مېنىڭ تۇغقىنىم ماڭا توڭلاتقۇ، كۆمۈر ئېلىپ بەردى، بەكمۇ تەسىرلەندىم.

    كەنتتىكى قەلەمخان توختىنىڭمۇ قەلبى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدى، ئۇنىڭ ئېرى بالدۇرلا تۈگەپ كېتىپ، ئۆزى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتاتتى، ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن 45 ياشقا كىرگەن بىردىن- بىر ئوغلى ئۆيلۈك- ئوچاقلىق بولالمىغان ئىدى، بۇ ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلاتتى. تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقىنى يەتكۈچە تارتقان قەلەمخان توختىغا نىسبەتەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى سۇ كەينىڭ بۇيەرگە كېلىشى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، ئۇلار ئۇزاق ئەھۋاللاشتى، قەلەمخان توختىنىڭ خوشاللىق ياشلىرى تۆكۈلۈپ، تۇغقانلار ئارا مېھرى مۇھەببەت چوڭقۇرلاشتى.

    ئاپتونۇم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى سۇكەي مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىرىنجى قېتىم بۇ يەرگە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان چوڭ ئاپام بىلەن تونۇشتۇم، بۇنىڭدىن كېيىن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىمەن ۋە ئۇنى پات-پات يوقلاپ تۇرىمەن،

    قەلەمخان توختى مۇنداق دېدى : مېنىڭ ئىلگىرى تۇرمۇشۇم جاپادا ئۆتەتتى، بۇ تۇغقىنىم مېنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىمنى بىلگەندىن كېين ماڭا زور ياردەملەرنى قىلدى، مەن بەك تەسىرلەندىم ھەم بەك خوش بولدۇم.

    شۇ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرىنىڭ قارسا كەنتى، قالىق كەنتى، جام بازىرىنىڭ توڭتۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 49 كادىرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئۇلار تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا بەردى. كۆپچىلىك بىرلىكتە ھېسىيات ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، كۈچ ۋە قەلبنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىياتنى تىزلىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

    ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋېي گو مۇنداق دېدى: ئۇلارغا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشنىڭ بىر ئۆمۈر تۇغقان بولۇش، بىر ئۆمۈر ھېسىيات ئالماشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردۇق، ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردۇق.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى