• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كېنىيەدىكى بىر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىكى تىببىي خادىملار ئىش تاشلاپ، 100 دىن ئارتۇق بىمارنىڭ قېچىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

    مەنبە : news.china.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:10 07-12-2016
    تەھرىر : سەلىمە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>




    فىلىپپىن «كۈندىلىك خەۋەرچى گېزىتى» نىڭ 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كېنىيەدىكى بىردىنبىر روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش خادىملىرى يېقىندا مائاش قوشۇشنى تەلەپ قىلىپ، مەملىكەتلىك ئىش تاشلاش سېپىغا قوشۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق روھىي كېسەل بىمارىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    نايروبى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جافېس كۇم (Japheth Koome) روھىي كېسەللەرنى دوختۇرخانىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە ساقچىلارنى ئىشقا سالغانلىقىنى دەلىللىدى. ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىنىڭ تېمىدىن يامىشىپ چىقىپ، پايتەخت ئەتراپىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا بارغان.
    كۇم مۇنداق دېدى: قېچىپ كەتكەن روھىي كېسەل بىمارلىرىنىڭ نەچچە ئونىنى تۇتتۇق، دوختۇرلار ئىش تاشلاشقا قاتناشقانلىقتىن، بۇ بىمارلار قارىغۇچىسىز قالدى.
    12- ئاينىڭ 4- كۈنى داۋالاش خادىملىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مائاش قوشۇش سۆھبىتى مەغلۇب بولغان. شۇنىڭ بىلەن تەخمىنەن 5000 دوختۇر، دورىگەر، چىش دوختۇرى ۋە سستېرا ئىش تاشلىغان. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھۆكۈمەتتىن دوختۇرلارغا %300 مائاش قوشۇش، سىستېرالارغا %25~%40 مائاش قوشۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ 2013- يىلىدىكى كوللېكتىپ سۆھبەتتە تۈزۈلگەن كېلىشىم ئىدى. بىراق ھۆكۈمەت ئىجرا قىلمىغان.
    نەچچە يۈزلىگەن ئىش تاشلىغۇچىلار تەجرىبە كىيىمى، بۆك كىيىپ ۋە ماسكا تاقاپ، دۆلەت خەزىنىسى ئالدىدا قارشىلىق كۆرسەتكەن. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش گازى قويۇپ بېرىپ ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەن.
    كېنىيە دوختۇر، دورىگەر ۋە چىش دوختۇرلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: قانچە كۆپ تەھدىت ۋە تەشۋىقاتمۇ ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلەيمەيدۇ. كۆپچىلىك ئۇزاق ۋاقىت ئىش تاشلاشقا تەييارلىق قىلىشى كېرەك. تەلىپىمىز قانائەتلەندۈرۈلمىسە داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش خادىملىرى خىزمەتنى قايتا باشلىمايدۇ.
    ئىش تاشلىغان داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى يېڭى ئاشكارىلانغان دۆلەت ئىچىدىكى چىرىكلىك سەتچىلىكىدىن ناھايىتى نارازى بولدى. نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ يۆتكەپ ئىشلىتىلدى ياكى ئىز- دېرەكسىز يوقالدى. داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش خادىملىرى بولسا مائاش قوشۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى