• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    پىچان ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت تويغۇسىنى كۈچەيىتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:54 07-12-2016
    تەھرىر : ئۆمەر ھامۇت
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش ئەزىلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت تويغۇسىنى كۈچەيىتتى.

    پىچان ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش يىل بېشىدا «سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە»، «سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە» قاتارلىق تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسى ئېېچىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نەزىرىيەۋى بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بۇرچ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئەزالارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارغا قاتنىشىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئاكتىپلىقىنى ئۇرغۇتتى. بۇنىڭ بىلەن ھەر مىللەت سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي كېڭەش تەشكىللىگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى. ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەل رايىنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە، پىچان ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ناھىيەنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى