• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    پىچاندا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:43 07-12-2016
    تەھرىر : ئۆمەر ھامۇت
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى بۇ يىل ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش، تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

    پىچان ناھىيەسى بۇ يىل ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى قۇرۇپ، بىر قاتار يۈلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. ئالدى بىلەن ناھىيەدە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسىدىن بەشنى قۇرۇپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆز يېرىدە سېتىلىشىغا سورۇن ھازىرلىدى. بىۋاستە سېتىش نۇقتىلىرىدا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋاتقانلار ياكى باشقا جايلارغا مەھسۇلاتلارنى يۆتكەپ سېتىۋاتقانلار بولۇشىدىن قەتئىنەزەر سېتىش مىقدارى نىسبەتەن كۆپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن تىجارەتچىلەرگە ھەر توننا مەھسۇلاتقا 50 يۈەندىن توشۇش تولۇقلىمىسى تارقاتتى. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۈرۈمچى «بېييۈەنچۈن» مېۋە- چېۋە، كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىدا پىچان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى قۇردى. دېھقانلارنى كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپلىرىنى قۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئۆزى سېتىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. نەتىجىدە، پىچان ناھىيەسى ھازىرغا قەدەر 50 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆكتاتنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى ئوتتۇرىچە 3.8 يۈەندىن، 19 مىڭ توننىغا يېقىن قوغۇننىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 10 يۈەندىن، 3660 توننا تاۋۇزنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى سەككىز يۈەندىن، 2987 كىلوگىرام ئۈزۈمنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 10 يۈەندىن سېتىپ، پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى