• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئامېرىكىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنى كىم باقىدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:02 06-12-2016
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئارمىيەلىرىنىڭ چىقىمى ئىنتايىن زور، بىراق ئىتتىپاقداش ئەللەر كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسم مۇداپىئە چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋاتىدۇ. 2013- يىلى ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەردىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان، گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە كورېيەدىكى ھەربىي بازىلارنىڭ چىقىمى %70نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا گېرمانىيە، ياپونىيە، ۋە كورېيەمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خېلى كۆپ چىقىمى ئۈستىگە ئالغان.

    ياپونىيە

    2016-يىلى مايغىچە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىگە جايلاشقا 85 ھەربىي بازىسىدىكى ئەسكەر 54 مىڭغا، ئائىلە ئەزاسى 42 مىڭغا، مەمۇرىي خادىم 800 گە، ياپۇنىيەلىك خىزمەتچى 25 مىڭ 500 غا يەتكەن. 2016- يىلى فېۋرالدا ئامېرىكا ئېلان قىلغان «زۇڭتۇڭ خامچوت پىلانى» غا ئاساسلانغاندا 1- ئۆكتەبىردىن باشلانغان بىر يىلدا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيەسى 5 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلىدىكەن.

    «ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەرتىۋىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم» گە ئاساسلانغاندا،ياپۇنىيە دائىرىلىرى ياپۇنىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئىشلار قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئاساسى ئاسراش ھەققى، ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئاسراش ھەققىي، ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرلۇش ۋە رېمۇنىت ھەققىي، يەر- زىمىن ئىجارە ھەققى، ئاساسىي كۆچۈش ھەققىي، ھۆكۈمەت ئىشىنى بېجىرىۋاتقان چاغدىكى تاسادىپىي زەخىملىنىش تۆلەم ھەققىي قاتارلىق مۇداپىئە چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن. « ئامېرىكا- ياپۇنىيە كېلىشىمى»گە ئاساسەن، ياپۇنىيە دائىرلىرى يەنە خىزمەتچىلەرنىڭ ئادەم كۈچى ھەققىي، سۇ، توك ھەققى، گاز ھەققىي، مەشىق مەيدانىغا يۆتكىلىش ۋە قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققى، قاتارلىقلارنى ئۈستىگە ئالىدىكەن، مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ تور بېكىتىدە ئاشكارىلانغان « ياپونىيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ئالاقىدار چىقىمنىڭ 2016- يىللىق خامچوتى» غا ئاساسلانغاندا، بۇ تارماققا 2016- يىلى ئاجرىتىلغان خام چوت 1 مىليارد 670 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

    ياپۇنىيە ئۆز ئۈستىگە ئالغان چىقىم بۇنىڭلىق بىلەن تۈگەپ قالمىغان، 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن باشلاپ، ياپۇنىيە ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئۇلاردىن تېخىمۇ كۆپ چىقىمنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان، ياپونىيەلىك سىياسىيئونلار بۇ « ئارتۇقچە يۈك »كە «غەمخورلۇق خامچوتى» دەپ نام بەرگەن، چۈنكى ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىقتىسادنىڭ ناچارلىشىشى، ياپۇنىيە يىننىڭ پېرېۋوت نىسبىتى يۇقىرىلاپ، ياپۇنىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىگە كېتىدىغان چىقىمنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدەك قىيىنچىلىقنى توغرا چۈشەنگەن.2016-يىلى«غەمخورلۇق خامچوتى» 1 مىليارد730 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

    كورىيە

    كورىيە دۆلەت مۇداپىئەسى سېتىۋېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ مىيۇڭجىننىڭ ئېيتىشىچە، ناۋادا ئامېرىكا دائىرلىرىنىڭ تەلىپى كۈچلۈك بولسا، ئۇنداقتا كورېيە دائىرىلىرى كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىگە بېرىدىغان خىراجەتنى كۆپەيتىشكە مەجبۇر بولىدىكەن. ئامېرىكا ئارمىيەسى 1945- يىلى ئاۋغۇستتا تۇنجى قېتىم كورېيەگە ئورۇنلىشىپ، ياپۇنىيە ئارمىيەسىنىڭ قورال- ياراغلىرىنى بىكار قىلغاندىن كىيىن، كۆپ قىسىم ئارمىيەسىنى چىكىندۈرگەن. 1950- يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسى يەنە بىر قېتىم كورېيەگە كېلىپ، چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان، 1953-يىلى كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ سانى ئېشىپ، تەخمىنەن 325 مىڭغا يەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كورېيەدىكى كۆلىمى كىچىكلەشكە باشلىغان، 2013- يىلىغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ سانى 28 مىڭ 500 گە چۈشۈپ قالغان. 1991- يىلى كورېيە بىلەن ئامېرىكا تۇنجى قېتىم «مۇداپىئە چىقىمىنى چېچىش كېلىشىمى» ئىمزالاپ ، كورېيە دائىرلىرى كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چىقىمىنى ئۈستىگە ئالغان. كورېيەنىڭ 2014- يىلى ئۈستىگە ئالغان مۇداپىئە چىقىمىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. كورېيە دائىرلىرى ئىزچىل تۈردە زىممىسىدىكى چىقىمنى ئازايتىشنىڭ ئامېرىكا بولسا بارلىق ئاماللار بىلەن كۆپرەك قوللاشقا ئېرىشىشنىڭ كويىدا بولغان.

    گېرمانىيە

    1945- يىلى گىرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيەنى رايونلارغا بۆلۈپ ئىشغال قىلغان. 1990- يىلى شەرقىي ۋە غەربىي گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، پەقەت ئامېرىكىلا گېرمانىيەگە قىسىم ئورۇنلاشتۇرغان، «راند» شىركىتىنىڭ 2013- يىلىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، شۇ يىلى گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرى50 مىڭدىن ئاشقان، بازىسى60 قا يەتكەن.

    گېرمانىيە 1951- يىلى ئىمزالانغان «تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مەتىۋىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم » ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق قىسىمنى زور ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن، 1961- يىلىدىن 1975- يىلغىچە گېرمانىيە ئامېرىكىنىڭ قورال ياراغلىرى، زايومى، يادرو يېقىلغۇسى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش، ش ئا ئە ت ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى ياساش، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياتىقىنى سېلىش، رېمونت قىلىش، ئۆسۈمسىز قەرز بىلەن تەمىنلەش، گىرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەر تۈرلۈك بېجى ۋە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە 11 مىليارد، 230 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان.

    1975- يىلى غەربىي گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكا باشقۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا زۆرۈر تېپىلغاندا گېرمانىيەگە كىچىك تىپتىكى ئىمارەتلەرنى سېلىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن. بىراق ئامېرىكا بۇنىڭغا كېتىدىغان چىقىمنى ئاتچوت قىلدۇرغان، گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان مالىيە چىقىمدا كۆرسىتىلىشچە، 2003- يىلىدىن 2010- يىلغىچە گېرمانىيەدىكى باج تاپشۇرغۇچىلار گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۈچۈن تۆلىگەن ھەق 1 مىليارد ياۋرۇغا يەتكەن. ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى ئىستاتىستىكا قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2007- يىلىدىلا گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۆزى تۇرۇۋاتقان جاي ئۈچۈن5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تاپاۋەت قىلىپ بەرگەن، ئەينى يىللىرى ئامېرىكا ئارمىيەسى يەنە گېرمانىيەلىك خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن، 872 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مائاش تارقاتقان. ئامېرىكىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى گىرمانىيەدىكى ھەر بىر ھەربىي بازىسى خۇددى چوڭ كارخانىغا ئوخشايدىكەن، بۇ «كارخانا» گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى