• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    لايىھىلىگۈچى قۇياش ئېنېرگىيەلىك ۋېلىسىپىت ياساپ چىقتى

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 19:00 06-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    باش بەت تورى خەۋىرى. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت ئاسىراش ئۇقۇمى كۈنسېرى كشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتوموبللارنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىش پىلانى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كىشلەرنىڭ ئاپتوموبىلغا بولغان يۈكسەك ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ پىلانمۇ كۆرىنەرلىك ئەمەلگە ئېشىپ باققىنى يوق. دەرۋەقە ۋېلسىپىتنى ئاپتوموبىلنىڭ ئورنىغا تامامەن دەسسەتكىلى بولمايدۇ. ۋېلسىپىتنىڭ ئاپتوموبىلىغا نىسبەتەن سۈرئەت ۋە سەرپ قىلىدىغان كۈچ جەھەتتە قولايسىزلىقلىرى ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئېلكتىرلىك ۋېلسىپىت ۋە توكسىكىلىتلار بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولغان ئاككۇمۇلياتورى ۋە توك مىقدارىنىڭ چەكلىك بولۇشى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تامامەن قامداپ بولالمىدى.

    «ۋېلسىپىت پادىشاھلىقى» دەپ نام ئالغان دانىيەدە كىشىلەرنىڭ ۋېلسىپىتكە بولغان مۇھەببىتى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، دانىيەلىك مەلۇم بىر لايىھە ئۇستىسى ۋېلسىپىتتىكى بەزى قولايسىزلىقلارنى تولۇقلاپ قۇياش ئېنىرگىيەلىك ۋېلسىپىت ياساپ چىققان ۋە بۇ ۋېلسىپىتكە «Solarbike» دەپ ئىسىم قويغان.

    ئۇ ياساپ چىققان بۇ قۇياش ئېنىرگىيەلىك ۋېلسىپىتنىڭ ئالدى-كەينى چاقىغا ئىككى دانە قوياش ئېنىرگىيە تاختىسى سەپلىگەن ۋە كۆرىنەرلىك چوڭلۇقتىكى قۇياش ئېنىرگىيە باتارېيەسى ماسلاشتۇرۇلغان. دەرۋەقە ۋېلسىپىت ئىنتايىن يېنىك بولۇپ، ھاۋارايى ئوچۇق كۈنلەردە قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى ئۆزلىگىدىن قۇياش ئېنىرگىيەسىنى سۈمۈرۈپ، ھاۋا ئوچۇق بولمىغان كۈنلەردە بولسا ۋېلسىپىتنىڭ يول يۈرۈشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. قۇياش ئېنىرگىيە باتارېيەسىگە يېتەرلىك ئېنىرگىيە زەرەتلەنگەندىن كېيىن ۋېلسىپىتنىڭ سىجىل يول يۈرۈش مۇساپىسى 25 كېلومىتىرغا يېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 50km/hكە يېتىدۇ.

    ئۇ بىر لايىھە ئۇستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ۋېلسىپىتنىڭ كۆرۈمسىز بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدا ئىزدەنگەن ۋە قايتىدىن يېڭى لايىھە پىرىنسىپى بىلەن نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى يۇقىرى بولغان قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى سەپلىگەن. دەرۋەقە ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھوسۇلى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك گۈزەل بىر ھالەتتە نامايەن بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا بۇ ۋېلسىپىتنىڭ لايىھەسى تامامەن پۈتۈپ بولالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى