• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە رادىياتسىيەدىن ساقلىنىشتىكى ئەپچىل چارىلەر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:51 06-12-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى بىر – بىرىگە يېقىن قويماسلىق
    ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى بىر – بىرىگە يېقىن قويماسلىق، بولۇپمۇ تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، توڭلاتقۇ... قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياتاق ئۆيگە بىر – بىرىگە يېقىن قويۇشقا بولمايدۇ، بۇ خىل ئۈسكۈنىلەر يېقىن قويۇلغاندا قويۇپ بېرىدىغان رادىياتسىيەنىڭ خەتىرى خېلىلا چوڭ بولىدۇ.
    كومپيۇتېرنىڭ كەينى تەرىپىدە تۇرماسلىق
    كومپيۇتېرنى قويۇش ئورنىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. كومپيۇتېر رادىياتسىيەسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامال بار كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ كەينى تەرىپىنى ئادەم بار ئورۇنغا توغرىلاپ قويماسلىق كېرەك. چۈنكى، كومپيۇتېر رادىياتسىيەسى ئەڭ كۈچلۈك بولىدىغان ئورۇن دەل ئۇنىڭ كەينى تەرىپى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار كومپيۇتېرنىڭ كەينى تەرىپىدە تۇرۇشقا توغرا كەلگەندە رادىياتسىيەدىن مۇداپىئەلىنىش جىلىتكىسى ياكى رادىياتسىيەدىن مۇداپىئەلىنىش يېپىنچىسىنى كىيىۋېلىش كېرەك.
    سۇدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنى سۈمۈرتۈش
    سۇ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنى سۈمۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتە، كومپيۇتېرنىڭ ئەتراپىغا بىر نەچچە قاچىدا سۇ قويۇپ قويغاندا، كومپيۇتېر رادىياتسىيەدىن مەلۇم دەرىجىدە ساقلانغىلى بولىدۇ. بىراق چوقۇم سولياۋ قاچا ياكى ئەينەك قاچىدا سۇ قۇيۇش كېرەك، مېتال ئىستاكانلاردا سۇ قۇيۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.
    كومپيۇتېرنىڭ پەيت كۈتۈش (机待) ۋاقتىنى ئازايتىش
    كومپيۇتېرنى ۋاقىتلىق توختىتىپ ئىشلەتكەندە، ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېرنى پەيت كۈتۈش ھالىتىدە قويماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئاجىزراق بولغان ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانى ھاسىل بولىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت قويۇپ قويغاندا رادىياتسىيەنىڭ توپلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
    كومپيۇتېردىن ئايرىلغاندىن كېيىن يۈز – قولنى يۇيۇۋېتىش
    كومپيۇتېر خىزمەت ھالىتىدە تۇرغاندا ئېكران سىرتقى يۈزىدە كۆپ مىقداردا ئېلېكتىرستاتىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەم كومپيۇتېر يۈزىگە توپلىشىۋالغان چاڭ – توزانلارنى ئۆزىگە يېپىشتۇرۇۋالىدۇ، كومپيۇتېر رادىياتسىيە تارقاتقاندا كۆپ مىقداردىكى زەرەتلىك چاڭ – توزان ئادەمنىڭ يۈز ۋە قول تېرىسىگە ئۇرۇلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېرىدە ئەسۋە، پېگمىنتنىڭ چۆكۈندى بولۇۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا، تېرە كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن يۈز – قولنى پاكىز يۇيۇۋېتىش كېرەك.
    ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش
    دائىم كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار سەۋزە، يېسسىۋېلەك، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، چىلان، ئاپېلسىن، كالا سۈتى، تۇخۇم، ھايۋانات جىگىرى، قارا گۆش قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، ۋىتامىن A ۋە ئاقسىل تولۇقلاشقا سەل قارىماسلىق كېرەك، چاينى كۆپرەك ئىچىپ بېرىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى چاي يوپۇرمىقىدىكى پولىفېنول قاتارلىق ئاكتىپ ماددىلارنىڭ رادىياتسىيەلىك ماددىلارغا قارشى تۇرۇش رولى بار.
    يان تېلېفوننى ئالدىراپ ئالماسلىق
    يان تېلېفون ئۇلانغان ھامان سۆزلەشسە، يان تېلېفون قويۇپ بېرىدىغان رادىياتسىيە ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى يان تېلېفون ئۇلىنىپ بىر ئىككى سېكۇنتتىن كېيىن ئاندىن تېلېفوندا سۆزلىشىش كېرەك. توك قاچىلىنىۋاتقاندا، ئالدىراپ تېلېفوننى ئالماسلىق، ئېلىش توغرا كەلسە توكتىن ئايرىۋېتىپ ئاندىن سۆزلىشىش كېرەك.
    «شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى