• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    2016 – يىلىدىكى ئەڭ يارقىن كەشپىياتلار(1)

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:04 06-12-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ‹‹دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› ھەر يىلى ‹‹دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ›› غان يېڭى كەشپىياتلارنى باھالاپ چىقىدۇ. بۇ يىل يەنە يېڭى كەشپىياتلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، تۆۋەندىكى كەشپىياتلار بازارغا چىقىپ بولغان ياكى چىقىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى كەشپىياتلاردۇر.
    ماگنىتلىق لەيلىمە لامپۇچكا Flyte

    Flyte ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانى ۋە رېزونانس ئىندۇكسىيەسىنى باغلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان بىر خىل لەيلىمە ھەم ئايلانما لامپۇچكا بولۇپ، رېزونانس ئىندۇكسىيەسىنى باغلاش تېخنىكىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىمسىز يوللاشتا كۆپ قوللىنىلىدۇ. Flyte بىرىنچى ئايدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان ئىزچىل ياخشى سېتىلماقتا.
    قاتلىنىدىغان ۋېلىسىپىت دۇبۇلغىسى Morpher

    ئەنئەنىۋى ۋېلىسىپىت دۇبۇلغىسى، ئېغىر بولغاچقا نۇرغۇن ئادەم كىيىشنى خالىمايدۇ. ئەمما Morpherتىن ئىبارەت بۇ دۇبۇلغا كىرىشتۈرۈپ توقۇلغان سولياۋدىن ياسالغان، ئەنئەنىۋى دۇبۇلغىغا ئوخشاش پۇختا، ئەمما يەڭگىل بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئادەتتىكى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشىدۇ. تېخىمۇ ئەپچىل بولغىنى شۇكى، ئۇنى قاتلاپ تۈز ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق.
    تېخنىكىلىق ھەم كۆركەم قۇياش ئېنېرگىيە ئۆگزىسى Roof Solar

    بۇرۇنقى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى خۇددىي بىر پارچە مېتال قۇتىغا ئوخشاش ناھايىتى قوپال ئىدى. بىراق تېسلا يېڭىدىن بارلىققا كەلتۈرگەن Roof Solar ئۆگزە كاھىشىغا ئوخشىتىپ ياسالغان بولۇپ، قۇياش نۇرىنى يىغىش بىلەن بىللە، يەنە زىننەتلەش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. Roof Solarنى تېسلا بىلەن ئەنئەنىۋى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى سودىگىرى SolarCity بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدۇ.
    بوغقۇچىنى ئۆزى چىگەلەيدىغان ئاياغ HyperAdapt

    ‹‹Nike›› شىركىتى يېقىندا بوغقۇچىنى ئۆزى چىگەلەيدىغان بىر خىل يېڭى ئاياغ HyperAdaptنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. پەقەت ئاياغنىڭ تىلىدىكى بىر كۇنۇپكىنى بېسىپ قويسىلا ئاياغ بوغقۇچى ئۆزلۈكىدىن چىگىلىدۇ. بۇ خىل ئاياغ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەمدە بولۇپلا قالماي يەنە مېيىپلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق.
    ئەڭ مۇقىم قاچا – قۇچا Tableware Assistive Eatwell

    بىر قىسىم بىلىش ئىقتىدارى چېكىنگەن ياشانغانلار تاماق يېگەندە دائىم دېگۈدەك تاماقنى چېچىۋېتىدۇ. Tableware Assistive Eatwell قاچا – قۇچىلىرى دەل مۇشۇ خىل كىشىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ھەر خىل رەڭدىكى قاچا – قۇچىلار يېمەكلىكلەرنى پەرقلەندۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ خىل قاچىلارنىڭ ئاستىغا سۈمۈرۈش تەخسىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ خىل تەخسە قاچىلارنى ئۆرۈلۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى