• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كىلىنچەك ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايرۇپىلان چۈشۈپ كىتىپ تۆت ئادەم قازا قىلدى

    مەنبە : news.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 17:49 06-12-2016
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    تىڭشۈن تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە « قۇياش گېزىتى» نىڭ 12- ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 12- ئاينىڭ 4- كۈنى، بىرازىلىيەلىك بىر كېلىنچەك تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ توي مۇراسىمىدا پەيدا بولۇشنى پىلان قىلغان، لېكىن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، كېلىنچەك ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلان مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىشقا بىر نەچچە مىنۇت قالغاندا ئورمانلىققا چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلاندىكى تۆت ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.Rosemeire ئىسىملىك بۇ قىز ، 32 ياش كىرگەن سېستىرا ئىكەن، بۇ كېلىنچەك توي كۈنى چىرايلىق توي كۆينىكى كىيىپ، تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مۇراسىم نەق مەيدانىغا بېرىپ، نەق مەيداندىكى 300 مېھماننى ھەيران قالدۇرۇشنى پىلانلىغان.

    تىك ئۇچار ئايروپىلان مەنزىلگە يېتىشتىن بۇرۇن چۈشۈپ كەتكەن، قىز ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە باشقا ئۈچ ئادەممۇ قازا قىلغان. توي مۇراسىمى مەيدانىدا كېلىنچەكنى ساقلاۋاتقان يىگىت تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن. بۇ قىز بىلەن يىگىتنىڭ خاتىرە سۈرىتى.

    ۋەقەدە كېلىنچەكتىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ئاكىسى سىلۋانو (Silvano)، ھامىلدار بولغىنىغا ئالتە ئاي بولغان توي مۇراسىمى فوتوگرافى نەيلا (Nayla)، شۇنداقلا ئۇچقۇچى پېتىرسون (Peterson) قاتارلىق ئۈچەيلەن قازا قىلغان.

    كېلىنچەكنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مۇراسىم مەيدانىغا كېلىشىنى توي مۇراسىمىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى كارلوس (Carlos) ئورۇنلاشتۇرغان. كارلوس مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق كېلىنچەك ئۆزىنىڭ قۇتلۇق توي كۈنىدە سىرلىق ئىشلارنى قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، Rosemeire تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ توي مۇراسىمى مەيدانىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى