• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    گۇگولنىڭ ھىندىستاندىكى كىرىمى %44 ئاشتى

    مەنبە : mobile.163.com
    يوللانغان ۋاقىت : 18:04 06-12-2016
    تەھرىر : سەلىمە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



    ۋاڭيى تورى خەۋىرى. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇگول (Google) نىڭ ھىندىستاندا تېخىمۇ كۆپ يەرلىكلەشتۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشىغا ئەگىشىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ھىندىستاندىكى تىجارەت كىرىمىدە كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولغان. بۇ يىل 3- ئايغىچە گۇگۇلنىڭ يىللىق كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44 ئاشقان.
    ھىندىستاننىڭ رەقەملىك ئېلان چىقىمى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا. 2016- يىلىدىكى رەقەملىك ئېلان چىقىمىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى %35 بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئىزدەش ۋە كۆرۈنمە يۈز ئېلانى ھىندىستاندىكى رەقەملىك ئېلان چىقىمى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %50گە يېقىنلىشىدۇ. گۇگۇل ھىندىستاندىكى ئىزدەش ساھەسىدە مونۇپۇللۇق ئورنىنى ئىگىلىگەچكە، گوگۇل شىركىتى ھىندىستان رەقەملىك ئېلان چىقىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىدىن غايەت زور پايدىغا ئېرىشكەن. ھىندىستاندىكى كۆپ قىسىم سېتىش شىركەتلىرى 2/3 قىسىمدىن ئارتۇق ئېلان خامچوتىنى گۇگۇلغا خەجلەيدىكەن. بىراق، بەيدۇنىڭ ھىندىستان بازىرىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، گۇگۇل دۇچ كېلىدىغان رىقابەت ۋە خىرىس كۈچىيىشى مۇمكىن ئى. بەيدۇ شىركىتى ھىندىستان بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇرلاپ كىرىشنى پىلانلىماقتا. بەيدۇ شىركىتى 2015- يىلى 9- ئايدا ھىندىستاندا بىر ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ھىندىستاندا يەرلىكلەشتۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق ھىندىستان بازىرىدا بىر كىشىلىك ئورۇن ئىگىلەشكە تەييارلىق قىلماقتا. ھىندىستاندىكى رەقەملىك ئۇچۇر بازىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، بەيدۇ بىلەن گۇگۇل بۇ بازارنىڭ باشلامچىلىق ئورنىنى تالىشىدىغان ئىككى چوڭ ئاساسلىق شىركەت بولۇپ قالىدىكەن.
    بازار تەتقىقات شىركىتى eMarketer ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2020- يىلىغا بارغاندا ھىندىستاننىڭ رەقەملىك ئېلان چىقىمى 2 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن. بۇ 2015- يىلىدىكى 730 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن خېلى يۇقىرى. كەلگۈسى بىر نەچچە يىدا ھىندىستاننىڭ رەقەملىك ئېلان چىقىمى يىلىغا %25لىك سۈرئەت بىلەن ئاشىدىكەن ھەمدە 2020- يىلىغا بارغاندا ھىندىستان تاراتقۇ ئومۇمىي چىقىمىنىڭ %20نى ئىگىلەيدىكەن.
    گۇگۇل شىركىتى بۇ باسقۇچلۇق ئېشىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلەشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئېلانلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھىندىستان شىركەتلىرىنىڭ ئىزدەش ماتورى ۋە كۆرۈنمە يۈز ئېلانلىرىدا سەرپ قىلغان چىقىمى تېخىمۇ كۆپ. گوگۇل شىركىتى دەل مۇشۇ ئىككى ساھەدە مونۇپۇللۇق ئورنىنى ئىگىلىگەن. بىراق يېقىندا بەيدۇ شىركىتىمۇ بۇ بازارغا قاراپ يۈرۈش قىلماقتا. بەيدۇ شىركىتى قوللانغان تاكتىكا گۇگۇل شىركىتىنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىكەن. ئۇلار ھىندىستاندا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان سۇپىمۇ ياخشىراق بولغان ئېلان سۇپىسى بەرپا قىلماقچى ئىكەن. بەيدۇ شىركىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بولۇپ، بۇ شىركەتلەر ئادەتتە گۇگۇل، فەيسبۇك قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر بىلەن ئۆزى رازى بولغۇدەك ئېلان بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىيالمايدىكەن.
    بەيدۇ شىركىتى نۆۋەتتە ھىندىستاندىكى 20 نەچچە يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان. بۇنىڭدىكى مەقسەت ھىندىستان بازارلىرىغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىش. ھىندىستان كۆچمە تاراتقۇنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدە. بەيدۇ شىركىتى كۆچمە ئەپلەر ئارقىلىق ھىندىستان بازىرىغا سىڭىپ كىرىشنى پىلانلىماقتا. ھىندىستان بازىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، بەيدۇ بىلەن گۇگۇل كۆپ خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق، ھىندىستان بازىرىغا ماسلاشماقتا. ئۇلار ھىندىستان شىركەتلىرىگە ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ يەرلىكلەشتۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالغان. مەسىلەن: گۇگۇل شىركىتى قارىمىقىدىكى YouTube ھىندىستان ئابۇنتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس YouTube Go نۇسخىسىنى چىقارغان، بۇ ئارقىلىق سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولغان زىيارەت قىلىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەپ، ھىندىستاندىكى تور سۈرئىتى ئاستا بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا گۇگۇل يەنە ئىزدەش ماتورىدا ھىندىستاندا ئىشلىتىلىدىغان كۆپ خىل تىللىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئوخشاش بولمىغان ئابۇنتلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.
    گۇگول نۆۋەتتە ھىندىستان بازىرىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكتە. شۇڭلاشقا ئۇ دۇچ كېلىدىغان رىقابەت ئانچە كۈچلۈك ئەمەس. ھىندىستاندىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم رەقەملىك ئېلان چىقىملىرى گۇگۇل شىركىتىگە قاراپ ئېقىپ، گۇگۇل شىركىتىنىڭ ھىندىستاندىكى كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بىراق بەيدۇنىڭ ھىندىستان بازىرىغا چوڭقۇرلاپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، گۇگۇل شىركىتى بۇ ساھەدە دۇچ كېلىدىغان رىقابەت ۋە خىرىس كۈچىيىشى مۇمكىن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى