• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىمىز ھاۋا تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى سىرلىق غايىپ بولغان

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:12 06-12-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى خەۋىرى: ئازادلىق ئارمىيە 1960– يىلدىن 1970–يىلغىچە ئامېرىكنىڭ دۆلىتىمىز تەۋەلىكىگە ئۆسۈپ كىرگەن‹ U-2 › بەلگىلىك ئايروپىلانى ۋە ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانلىرىنى ئىتىپ چۈشۈرگەن، بىراق ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ ئىلغار، تېخىمۇ سىرلىق بولغان ‹ D-21 › بەلگىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانلىرىمۇ دۆلىتىمىز ھاۋا تەۋەلىكىگە مەخپىي ئۈسۈپ كىرگەن. سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇنىڭغا ئالاقىدار تەپسىلاتلار ئاشكارلىنىشىغا باشلىغان.
    ‹ D-21 ›بەلگىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانىغا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پېرىسلانغان موتور سەپلەنگەنگەچكە، سائەتلىك سۈرئىتى 3560 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.
    بۇ ئايروپىلان دەسلەپتە ‹ A-12 › بەلگىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك رازۋېدكا ئايروپىلانى ئاساسىدا ياسالغان، كېيىن ئۆزگەرتىلىپ ‹ M-21 › بەلگىلىك رازۋېدكا ئايروپىلانى، دەپ نام بېرىلگەن. ‹ M-21 › بەلگىلىك رازۋېدكا ئايروپىلانىنىڭ تەننەرخى بەكلا يۇقىرى بولغاچقا، ‹D-21› بەلگىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانى كېيىنچە ‹ B-52 › بەلگىلىك ئايروپىلان ئاساسىدا ياسالغان. 1970– يىلنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ قورالى بۇ ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرەلمىگەن. بۇ ئايروپىلان 1969– يىلى نويابىردىن 1971– يىلى مارتقىچە تۆت قىتىم ئەمەلىي ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، دەسلەپكى ئۈچ قېتىمدا ئاخبارات سۈرەتلىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تارتقان، لېكىن تۆتىنچى قېتىمدا دۆلىتىمىز ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كىيىن تۇيۇقسىز غايىپ بولغان.
    ئامېرىكا ئىزچىل دۆلىتىمىزنى ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن بۇ رازۋېدكا ئايروپىلانلىرىنى بايقىيالمىغان، دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە ‹ D-21 › بەلگىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانىنىڭ گەۋدىسى ناھايتى كىچىك، تاشقى شەكلى رادارغا چۈشمەسلىك قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئاۋازدىن ئۈچ ھەسسە تېز ئۇچقاندا، گەۋدىسىنىڭ ھاۋا بىلەن سۈركىلىش ھارارىتى 700 گىرادوسقا، موتورىنىڭ گاز پۈركەش ھارارىتى 1500 گىرادوسقا يېتىدىكەن، ئايروپىلان بۇ ۋاقىتتا كۈچلۈك ئىنفىرا قىزىل نۇر رادىياتىيەسى قويۇپ بېرىدىكەن، شۇڭا ئايروپىلاننى ئاسانلا بايقىغىلى بولىدىكەن.
    دۆلىتىمىز ھاۋا ئارمىيەسى 1970– يىلى 27– ئىيۇل ئالدىن سىگنال بېرەلەيدىغان تۇنجى رادار پولكىنى قۇرۇشقا باشلىغان، بۇ دۆلىتىمىز ھاۋا ئارمىيەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ‹ D-21 › بەلگىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانىنى بايقاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 1971– يىلى دۆلىتىمىز ھاۋا تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرگەن ‹ D-21 › بەلگىلىك تۆت ئايروپىلانى كونتىروللىقنى يوقىتىپ، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىشۇاڭبەننادىكى ئورمانلىققا چۈشۈپ كەتكەن، دۆلىتىمىز ئارمىيەسى بۇنى تېزلا بايقىۋالغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى