• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سىموننىنىڭ خەلقئارا مىلان كوماندىسىنى يىتەكلىگۈسى بار ئىكەن

    مەنبە : sports.sina.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 17:31 06-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى. سىموننى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مادرد ئاتلىتكا كوماندىسى بىلەن بولغان توختامى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا، سىموننىنىڭ ئوغلىنىڭ ئاشكارلىشىچە، دادىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانى خەلقئارا مىلان كوماندىسىنى يىتەكلەش ئىكەن.

    سىموننى يىقىندىن بۇيان، پۇتبۇل سەھنىسىدىكى داڭلىق تېرىنىرلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئۇ 2014– يىلى مادرد ئاتلىتكا كوماندىسىنى يىتەكلەپ بارسېلونا ۋە خانلىق مادرد كوماندىلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىسپانىيە بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن، يەنە ئىككى قىتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلىقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە نەتىجىسى قالتىس ياخشى بولغان. ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئارسېىنال يۇقىرى قاتلىمىنىڭ كەلگۈسىدە سىموننى ۋېنگىرنىڭ ئورنىغا ئەكىلىش پىلانى بارلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن (2018–يىلى)، لىكىن كىچىك سىموننى خەلقئارا مىلان كوماندىسنىڭ دادىسىنىڭ كىيىنكى بىكىتى بولىدىغانلىقىنى ئىيتقان.

    گىۋاننى– سىموننى مىلان تەنتەربىيەسى گىزىتىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا بارىدىغان ۋاقتى كەلدى، مەنمۇ بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر ئۇ مادرد ئاتلىتكا كوماندىسىدا ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ، لىكىن كەلگۈسىدىكى مەلۈم بىر ۋاقىتتا خەلقئارا مىلان كوماندسىنىڭ تېلېفۇنىنى تاپشۇرىۋالسا ئۇنىڭ بارماسلىققا ئامالى يوق، مەنمۇ ئۇنىڭ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    سىموننىنىڭ خەلقئارا مىلان كوماندىسغا مېھرى بار، كەسپى ماھىرلىق ۋاقتىدا ئۇ كۆك قارا كىيىملىكلەر قوشۇنىدا توپ ئوينىغان. خەلقئارا مىلان كوماندىسى بىلەن بولغا سۆزلەرگە سىموونى گەپنى يوشۇرماي: ئائىلەمدىكىلەر مىنىڭ كەلگۈسىدە خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا بېرىشىمنى ئاشكارلىغان بولىشى مۇمكىن، ئۇلار مىنىڭ ئويۇمنى چۈشىنىدۇ، مىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە خەلقئارا مىلان كوماندىسىنى يىتەكلەيدىغانلىقمنى بىلىدۇ، دېدى.

    ئېنىقكى، سىموننىنىڭ خەلقئارا مىلان كوماندىسنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىگە تولىمۇ بەك قىزىقىدىغان بولۇپ، كىينكى قەدەمدە، پەقەت سۇنىڭ گورۇھى تەرەپنىڭ تېلېفۇنىنى ساقلاش ئىشىلا قالغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى